+ -

عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يُعلمنا الاسْتِخَارَةَ في الأمور كلها كالسورة من القرآن، يقول: «إذا هَمَّ أحدُكم بالأمر، فلْيَرْكَعْ ركعتين من غير الفَرِيضَةِ، ثم لْيَقُلْ: اللهم إني أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ، وأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وأَسْأَلُكَ من فَضلك العظيم، فإنك تَقْدِرُ ولا أَقْدِرُ، وتعلمُ ولا أعلمُ، وأنت عَلَّامُ الغُيُوبِ. اللهم إن كنتَ تعلم أن هذا الأمر خيرٌ لي في ديني ومَعَاشِي وعَاقِبَةِ أَمْرِي» أو قال: «عَاجِلِ أَمْرِي وآجِلِهِ، فاقْدُرْهُ لي ويَسِّرْهُ لي، ثم بَارِكْ لي فيه. وإن كنت تعلمُ أن هذا الأمر شرٌّ لي في ديني ومَعَاشِي وعَاقِبَةِ أَمْرِي» أو قال: «عَاجِلِ أَمْرِي وآجِلِهِ؛ فاصْرِفْهُ عَنِّي، واصْرِفْنِي عنه، واقْدُرْ لِيَ الخيرَ حيث كان، ثم أَرْضِنِي به» قال: «ويُسَمِّي حَاجَتَهُ».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتۈپ: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئىش قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇسۇن! ، ئاندىن دۇئا قىلىپ: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن بۇ ئىشىمنىڭ ياخشى بولىشىنى تىلەيمەن، ماڭا ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغىن، ماڭا ياخشى نېمەتلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمەن، سەن غەيىپنى بىلگۈچىسەن، ئى ئاللاھ! ئەگەر مېنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم دىنىمغا، دۇنيالىق ئىشىمغا ۋە كەلگۈسىگە پايدىلىق بولسا، بۇ ئىشىمدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمغا ئاسانلىق، ئىشلىرىمغا خوشاللىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىمغا، دۇنيالىق تۇرمۇشۇمغا ۋە كەلگۈسۈمگە ھىچ پايدىسىز بولسا، ئۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، مېنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلغىن، ياخشى ئىش نەدە بولسا، ئۇ ئىشنى قىلىشقا مېنى نىسىپ قىلغىن، ئاندىن شۇ ئىش بىلەن مېنى رازى قىلغىن» دېسۇن، دەيتتى «ھاجىتىنى دەيدۇ» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۈگۈتۈشكە ھېرىس بولغاندەك ئىستىخار نامىزىنىڭ ئوقۇلىشىنى تەلىم بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمە بېرىپ: بىرەر كىشى نەپلە نامازدىن ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ئىش ياكى بىر قانچە ئىشتىن بىرىنى تاللاشتا ئاللاھدىن قەلبىنى ئوچۇق قىلىشىنى تىلەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر،چۈنكى ئىككى ياكى ئىشلارنىڭ ياخشىلىقىنى پەقەت شۇ ئىشنى بىلگۈچى زات قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ پەقەت ئاللاھدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئىشنىڭ ياخشىراقىنى تەقدىر قىلىشنى ئاللاھدىن سورايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى سورايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ئالاقىدار بولىشى مۇمكىن بولغان، ئىنسان قادىر بولالمايدىغان ھەرقانداق ئىشنى تەقدىر قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا چوڭ - كىچىك ھەرقانداق ئىشنى بىلىدۇ، بۇنى پەقەت شۇ ئىشلارنى بىلگۈچى زاتلا بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن زەررە مىقدارى نەرسە غايىپ بولمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ئىنسان ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە ياخشى بولىدىغانلىقى، دىن ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن زىيىنى بولمايدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىگە تەقدىر قىلىشنى ۋە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورايدۇ، ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا زىيىنى بولىدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىدىن يىراق قىلىشنى ۋە ئۆزىنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلىشنى، ياخشى ئىش نەدە بولسا شۇنى تەقدىر قىلىشنى ئاندىن شۇ ئىش بىلەن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە، ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇشنى سورايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە ساۋاھىلچە ئاسامىي ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ