عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «غَزَا نَبِيٌّ مِن الأَنبِيَاء -صلوات الله وسلامه عليهم- فقال لقومه: لاَ يَتبَعَنِّي رجُل مَلَك بُضْعَ امرَأَةٍ وَهُوَ يُرِيدُ أنْ يَبنِي بِهَا وَلَمَّا يَبْنِ بِهَا، وَلاَ أحَدٌ بَنَى بُيُوتًا لم يَرفَع سُقُوفَهَا، ولاَ أَحَدٌ اشتَرَى غَنَمًا أو خَلِفَات وهو يَنتظِرُ أَولاَدَها، فَغَزَا فَدَنَا مِنَ القَريَةِ صَلاةَ العَصر أو قَرِيباً مِن ذلك، فَقَال للشَّمسِ: إِنَّك مَأمُورَة وأَنَا مَأمُور، اللَّهُمَّ احْبِسْهَا عَلَينَا، فَحُبِسَتْ حَتَّى فَتَحَ الله عليه، فَجَمَع الغَنَائِم فَجَاءَت -يعني النار- لِتَأكُلَهَا فَلَم تَطعَمها، فقال: إِنَّ فِيكُم غُلُولاً، فَليُبَايعنِي مِنْ كُلِّ قَبِيلَة رجل، فَلَزِقَت يد رجل بِيَدِهِ فقال: فِيكُم الغُلُول فلتبايعني قبيلتك، فلزقت يد رجلين أو ثلاثة بيده، فقال: فيكم الغلول، فَجَاؤوا بِرَأس مثل رأس بَقَرَةٍ من الذَّهَب، فَوَضَعَهَا فجاءت النَّارُ فَأَكَلَتهَا، فَلَم تَحِلَّ الغَنَائِم لأحَدٍ قَبلَنَا، ثُمَّ أَحَلَّ الله لَنَا الغَنَائِم لَمَّا رَأَى ضَعفَنَا وَعَجزَنَا فَأَحَلَّهَا لَنَا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرلەردىن بىرى «ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن» غازات قىلماقچى بولغاندا: خوتۇن ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، تېخى بىللە بولالمىغان، ئۆيىنىڭ تۆت تېمىنى قوپۇرۇپ قويۇپ، ئۈستىنى ياپالمىغان، بوغاز قوي ياكى تۆگە ئېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇتىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر مەن بىلەن بىللە جىھادقا چىقمىسۇن! دېدى. ئۇ پەيغەمبەر غازات قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، ئەسر ۋاقتى بىلەن ياكى بىر ئاز ئىلگىرى كېيىن بولغان بىر ۋاقىتتا بىر مەھەللىگە يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياشقا: سەنمۇ بۇيرۇققا بويسۇنغۇچى، مەنمۇ بۇيرۇققا بويسۇنغۇچى. ئى ئاللاھ قۇياشنى بىزگە توختىتىپ بەرگىن! دەپ دۇئا قىلىۋىدى، قوياش تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا فەتھىنى تاماملاپ بەرگەنگە قەدەر توختاپ بېرىلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، پەيغەمبەر غەنىمەتلەرنى يىغدى. ئادەت بويىچە ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈشكە كەلدى يۇ، لېكىن كۆيدۈرمىدى. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر: ئاراڭلاردا غەنىمەتكە خىيانەت قىلغانلار بار ئىكەن، ھەر بىر قەبىلىدىن بىر ئادەم كېلىپ ماڭا بەيئەت قىلسۇن! دېدى. بەيئەت ئەسناسىدا، بىر ئادەمنىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: خىيانەتكار سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئىكەن، قەبىلەڭدىكى بارلىق كىشىلەر ماڭا بەيئەت قىلسۇن! دېدى. ئۇلاردىن ئىككى يا ئۈچ ئادەمنىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: سىلەر خىيانەتكار ئىكەنسىلەر دېدى. ئۇلار كالىنىڭ بېشىدەك بىر پارچە ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، غەنىمەت ئۈستىگە قويدى. نەتىجىدە، ئوت كېلىپ بارلىق غەنىمەتنى يۇتۇۋەتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بىزدىن ئىلگىركىلەرگە غەنىمەت ھالال قىلىنمىغان، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ «يەنى بۇ ئۈممەتنىڭ» ئاجىز، زەئىپ ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، بىزگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەردى، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن «ئاللاھ تائالانىڭ سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن» بىرىنىڭ ۋەقەلىكىدىن خەۋەر بەرگەن، ئۇ پەيغەمبەر بىر يۇرۇت ئاھالىسىگە قارشى جىھاد قىلىش ئالدىدا ئۆز قەۋمىدىن جىھادقا چىقماقچى بولغانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى توسقان. يېڭىدىن توي قىلىپ ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنى، ئۆي سېلىپ تورىسىنى ياپمىغانلارنى، بوغا. قوي ياكى تۆگە سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ تۇغۇشىنى كۈتىۋاتقانلارنى بۇ جىھادقا چىقىشتىن توستى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇ مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ. توي قىلغان يىگىت تېخى بىللە بولمىغان ئايالىنى سېغىنىدۇ، ئۆي سېلىپ ئۇنىڭ تورىسىنى ياپمىغان ئەر بۇ ئۆينى تىزدىن پۈتتىرىپ ئائىلىسى بىلەن بۇ ئۆيگە كۆچۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، يەنە قوي، تۆگە سېتىۋالغان كىشىمۇ پاقلان، بوتىلاقلارنىڭ تىنىچ-ئامان تۇغۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما مۇجاھىد جىھادقا ئاتلانغاندا ئۆزىنى تولۇق جىھادقا ئاتىغان ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولىشى كېرەك. ئاندىن بۇ پەيغەمبەر غازاتقا ئاتلاندى، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كەچ كىرىش ئالدىدا ياۋ «دۇشمەن» بىلەن ئۇچراشتى، كەچ كىرىپ قېلىپ مۇسۇلمانلار غەلبە قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، كۈنگە مۇنداق خىتاب قىلدى: سەنمۇ ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنغۇچى، مەنمۇ بويسۇنغۇچى، دېدى بىراق پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇشى شەرئى جەھەتتىكى بويسۇنۇش، كۈننىڭ بولسا قانۇنىيەت جەھەتتىن ئىدى. پەيغەمبەر ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلىق ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ، كۈن ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان تەرەپكە قاراپ يۇرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. سۈرە ياسىن 38-ئايەت. ئاللاھ تائالا كۈننى ياراتقان ۋاقىتدىن تا ھازىرغىىچە ئىلگىرى كېيىنمۇ چىقماي، ئىگىز-پەسمۇ بولماي ئۆز ئوربىتىدا ئايلانماقتا. ئۇ پەيغەمبەر: ئى ئاللاھ بىزگە كۈننى توختىتپ بەرسىلە، دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى توختىتپ بەرگەن ئىدى، قوياش ئۆز ۋاقتىدا پاتماي، بۇ پەيغەمبەر غازاتنى قىلىپ، غەنىمەتلەرنى ئېلىپ بوغۇچە بىر خىل ھالەتتە تۇردى. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى غەنىمەتلەرنىڭ ھالال بولىشى بۇ ئۈممەتكە خاس ئىش بولۇپ، ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ھالال بولمىغان ئىدى. ئۇلار ئالغان غەنىمەتلەرنى بىر جايغا يىغىپ قويغاندا ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ ئۇنى كۆيدۈرۋېتەتتى، بۇ ئۇ جىھادنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. بۇ پەيغەمبەرمۇ غەنىمەتلەرنى ئالغاندا ئۇنى يىغقان ئىدى، لىكىن ئوت كېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر: سىلەردىن غەنىمەتكە خىيانەت قىلغانلار باركەن، دېدى. ئاندىن ھەر بىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرىنى خىيانەت قىلىمىغانلىق ھەققىدە بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بەيئەت قىلغاندا بىر كىشىنىڭ قولى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: خىيانەتچى سىلەردىن«يەنى بۇ قەبىلىدىن» ئىكەن، دېدى. ئاندىن بۇ قەبىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلاردىن ئىككى ياكى ئۈچ كىشىنىڭ قولى چاپلىشىپ قالغان ئىدى. پەيغەمبەر: سىلەر خىيانەت قىلىپسىلەر، دېدى. ئۇلار ئۆكۈزنىڭ بېشى چاغلىق بىر كاللەك ئالتۇننى كەلتۈرگەندە ئۇنى غەنىمەتلەر بىلەن بىللە قويغان ئىدى، ئوت كېلىپ غەنىمەتلەرنى كۆيدۈرۈپ يوقاتتى