عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما «أن مُعَاذَ بْنَ جَبَل: كان يُصَلِّي مع رسول الله صلى الله عليه وسلم العِشاء الآخرة، ثم يرجع إلى قومه، فيُصَلِّي بهم تلك الصلاة ...». وفي رواية: أن النبي صلى الله عليه وسلم قال لِمُعَاذٍ: «فلولا صَلَّيْتَ بِسَبِّحِ اسم ربك الأعلى، والشمس وَضُحَاهَا، والليل إذا يغشى، فإنه يُصَلِّي وراءك الكبير والضعيف وذو الحاجة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دىگەن، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەسۇلۇللاھ بىلەن خۇپتەن نامىزىنى بىللە ئوقۇپ مەھەللىسىگە قايتقاندا كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ يەنە قايتا ناماز ئوقۇپ بىرەتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئازغا: سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى سۈرىلىرىنى ئوقۇپ بەرسەڭچۇ! چۈنكى ئارقاڭدا ياشانغان، ئاجىز ئالدىراش كىشلەر بار، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ جامائىتى بولغان بەنى سەلەمە جەمەتىنىڭ ئۆيلىرى مەدىنە سىرتىدا ئىدى، مۇئاز ساۋابلىق ئىشلارغا ناھايىتى ھېرىسمەن كىشى بولۇپ، ئۇ ئۈگۈنۈش مەقسىتىدە ۋە رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن پەرز نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ نامازنىڭ ئۆزىنى قەمىگە ئىمام بولۇپ ئوقۇپ بىرەتتى. مۇئاز نەپلە ئوقۇغان، قەۋمى بولسا پەرز ئوقۇغان ئاساستا بولاتتى، بۇ ۋەقەلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلىپ توغرا سانىغان ئىدى. لېكىن ئۇ بىر قېتىملىق نامازدا قىرائەتنى ئۇزۇن ئوقۇدى، ئىسلام شەرىئىتى قولايلىق، كەڭرىچىلىك ۋە ئاسايىشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، چۈنكى جاپا-مۇشەققەت، ئېغىرچىلىق ئىنساننى نەپرەتلەندۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئازنىڭ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇشىدىن خەۋەردار بولغاندا مۇئازنى نامازدا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇپ ئورتاھال سۈرىلەردىن ئوقۇشنى مېسال ئېلىپ بەردى، سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى دەك سۈرىلەر، چۈنكى جامائەت ئىچىدە ياشانغان، ئاجىز، ئىھتىياج ئىگىلىرى بار، ئۇلارغا نامازدا ئۇزۇن تۇرۇش قىيىن كىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نامازنى قىسقا ئوقۇش كېرەك، ئەمما يالغۇز ئوقۇغان كىشى قانچە ئۇزۇن ئوقۇسا ئۇ دۇرۇس. «قۇرئان سۈرىلىرى ئۇزۇن مۇپەسسەل، سۈرە ھۇجراتتىن سۈرە ئەممىگىچە، ئورتاھال مۇپەسسەل، سۈرە ئەممەدىن سۈرە ۋەززۇھاغىچە قىسقا مۇپەسسەل سۈرە ۋەززۇھادىن سۈرە ناسقىچە دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ»

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ