ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغاندا، شەيتان بىر چەتكە چىقىپ يىغلايدۇ، ۋاي ئىسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تۇرۇپ كەتتى. ناماز تۆگەيدىغان چاغدا، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قېتىم سەجدە قىلىپ، ئاندىن سالام بەردى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ھەج سۈرىسىدە ئىككى سەجدە بارمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئۇ ئىككىسىدە سەجدە قىلمىغان كىشى ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سەجدە سەھۋە توغرىسىدىكى زۇليەدەيىننىڭ ھەدىسى
عربي الإنجليزية الأوردية
ساد سۈرىسىدىكى سەجدە تەكىتلەنگەن سەجدىلەردىن ئەمەس، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، پەسكە چۈشۈپ سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ سەجدە قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية