عن عُقْبَة بن عامر رضي الله عنه قال: قلت لرسول الله صلى الله عليه وسلم : أفِي سورة الحج سَجدَتَان؟ قال: «نعم، ومن لم يَسْجُدْهما؛ فلا يَقْرَأْهما».
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ھەج سۈرىسىدە ئىككى سەجدە بارمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھە-ئە، ئۇ ئىككىسىدە سەجدە قىلمىغان كىشى ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن»دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەج سۈرىسى توغرىسىدا «بۇ سۈرىدە ئىككى سەجدە بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، ئۇنىڭدا ئىككى سەجدە بار» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئاندىن: «ئۇ ئىككىسىدە سەجدە قىلمىغان كىشى ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن» يەنى: سەجدە قىلىشنى خالىمىغان كىشى بۇ ئىككى ئايەتكە كەلگەندە ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن، دېگەن يەنە بىر ھۆكۈمنى قوشۇمچە قىلدى. بۇ چەكلىمە ھارام قىلىپ ئەمەس، ياقتۇرمىغانلىق ئۈچۈندۇر. تىلاۋەت قىلغاندا سەجدە قىلىش سۈننەتتۇر

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (14)
تېخىمۇ كۆپ