عن عبد الله بن بُحَيْنَةَ رضي الله عنه وكان من أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم «أن النبي صلى الله عليه وسلم صلَّى بهم الظهر فقام في الركعتين الأُولَيَيْنِ، ولم يَجْلِسْ، فقام الناس معه، حتى إذا قضى الصلاة وانتظر الناس تسليمه: كَبَّرَ وهو جالس فسجد سجدتين قبل أن يُسَلِّمَ ثُمَّ سَلَّمَ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تۇرۇپ كەتتى. ناماز تۆگەيدىغان چاغدا، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قېتىم سەجدە قىلىپ، ئاندىن سالام بەردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن بىرىنچى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماي تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جامائەتمۇ ئەگىشىپ قىيامدا تۇردى. پەيغەمبىرىمىز ئىككىنچى ئىككى رەكئەتنى تۈگىتىپ، ئاخىرقى تەشەھھۇدقا ئولتۇرۇپ ئۇنى تۈگىتىۋىدى، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرسا، ئولتۇرغان پېتى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ، خۇددى نامازنىڭ ئىچىدىكى سەجدىدەك ئىككى قېتىم سەجدىگە باردى، ئاندىن سالام بەردى. ئۇ سەجدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشلىغان تەشەھھۇدنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ