عن ابن شِهاب أنَّ عُمر بن عبد العزيز أخَّرَ العصرَ شيئًا، فقال له عُروة: أمَا إنَّ جبريلَ قد نزل فصلَّى إمامَ رسول الله صلى الله عليه وسلم ، فقال عمرُ: اعلمْ ما تقولُ يا عُروة قال: سمعتُ بَشِير بن أبي مسعود يقول: سمعتُ أبا مسعود يقول: سمعتُ رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «نَزَل جبريلُ فأمَّني، فصلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه» يحسِبُ بأصابعِه خمسَ صَلَواتٍ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئىبنى شىھابدىن بايان قىلىندى: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەسىر نامىزىنى كېچىكتۇرۇپ ئوقۇدى، ئۇرۋە ئۇنىڭغا: جىبرائىل چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان دېدى، ئۆمەر: ئى ئۇرۋە!، دېگەن سۆزۈڭنى بىلەمسەن؟ دېدى، ئۇرۋە: مەن بەشىر ئىبنى ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغان، ئۇ ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغان، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ: «جىبرائىل چۈشۈپ ماڭا ئىمام بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم» بارماقلىرى بىلەن بەش ۋاقىت نامازنى ھېسابلىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئېلىپ چۈشەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك شەكىل ۋە سۈرەتلەردە كىلەتتى، بۇ ھەدىستە، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، نامازنىڭ ۋاقتىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەش ۋاقىت نامازدا ئىمام بولغان. ھەدىس بايان قىلىنغان ۋەقەلىك مۇنداق: بىر كۈنى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئەسىر نامىزىنى ئادەتتىكى ۋاقتىدىن ئازراق كېچىكتۈردى، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير خەلىپىنىڭ بۇ ئىشنى تەنقىت قىلىپ، جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىق ۋەقەلىكىنى يەتكۈزدى، ئۆمەر بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ ئۇرۋىنى ئويلىنىپ سۆزلەشكە، ئېنىقلاشقا ۋە دەلىلسىز گەپ قىلماسلىققا بۇيرىدى، ئۇرۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەدىسنى بەشىير ئىبنى ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇ ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، ئۆزىگە ئىمام بولۇپ بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نامازنىڭ ۋاقتى، ئەركانلىرى ۋە قانداق ئوقۇشنى بىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ