عن عائشة رضي الله عنها قالت: صلى رسول الله صلى الله عليه وسلم في بيته وهو شَاكٍ، صلى جالسا، وصلى وراءه قوم قِيَامًا، فأشار إليهم: أنِ اجْلِسُوا، لما انْصَرَفَ قال: إنما جُعِلَ الإمامُ لِيُؤْتَمَّ به: فإذا ركع فاركعوا، وإذا رفع فارفعوا، وإذا قال: سمع الله لمن حمده فقولوا: ربنا لك الحمد، وإذا صلى جالسا فصلوا جلوسا أجمعون».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) كېسەل ۋاقتىدا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇدى، كىشىلەر ئارقىدا ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغاندا، ئۇلارنى ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا ئىشارەت قىلدى، نامازدىن يانغاندا: «ئىمام پەقەت باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، ئۇ رۇكۇ قىلغاندا رۇكۇ قىلىڭلار!، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرسە بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!، ئۇ: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دېگەندە، «رەببەنا لەكەل ھەمد» دەڭلار!، ئۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار!» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېسەل ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغان نامىزى ۋە جامائەتنىڭ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىش ۋە ئەگىشىش سۈپىتى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جامائەتكە ئىمام بەلگىلەشتىكى ھىكمەتنىڭ: ئىمامغا تولۇق ئەگىشىپ، نامازدىكى بىرەر ئەمەلدە پەرىقلىق ئىش قىلماستىن، بەلكى ئىمامنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تەرتىپ بىلەن رىئايە قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ: «تەكبىر ئېيتسا سىلەرمۇ تەكبىر ئېيتىڭلار، رۇكۇغا بارسا ئارقىدىن رۇكۇغا بېرىڭلار، «ئاللاھ تائالا ھەمدۇ-سانا ئېيتقۇچىلارنى ياخشى ئاڭلىغۇچىدۇر» دەپ سىلەرگە ئەسلەتكەندە، (رەببىمىز ساڭا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن) دەپ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئوقۇڭلار، سەجدە قىلغاندا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەجدە قىلىڭلار، ئەگەردە ئىمام ئۆرە تۇرالماي، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بولسا، گەرچە سىلەر تۇرالىساڭلارمۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىك يۈزىسىدىن ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار» دېگەن. ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغرىپ قىلىپ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى، ساھابىلەر ئۆزلىرىنى تۇرالىغاندىكىن ئۆرە تۈرۈپ ئوقۇشىمىز كېرەك، دەپ قاراپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلغانلىقىنى، ناماز ئاياغلاشقاندا ساھابىلەرگە: ئىمامغا قارشى ئىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىمام كېسەللىكتىن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا، جامائەت گەرچە ئۆرە تۈرۈپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولسىمۇ، ئىمامغا تولۇق ئەگىشىش ئۈچۈن نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان. ئىمام نامازنى ئولتۇرۇپ باشلىغان بولسا جامائەتمۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇشى كېرەك، ئەگەر نامازنى ئۆرە تۇرۇپ باشلاپ ئارلىقتا كېسەل سەۋەبىدىن ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولسا، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى كېسەللىك ھاياتىدا ئەبۇ بەكرى ۋە باشقىلارغا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ، جامائەت نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشى كېرەك

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ