عن عبد الله بن عُمر رضي الله عنهما قال: «صحبت رسول الله صلى الله عليه وسلم فكان لا يزيد في السَّفَر على ركعتين، وأبا بكر وعُمر وعُثْمان كذلك».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمرا بولدۇم، ئۇ سەپەردىكى چاغلىرىدا نامازنى ئىككى رەكەتتىن زىيادە ئوقۇمايتتى. ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ سەپەرلىرىدە ھەمرا بولدى، شۇنىڭدەك ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ سەپەرلىرىدىمۇ بىللە بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەتكە قىسقارتىپ ئوقۇيتتى، ئۇنىڭدىن ئاشۇرمايتتى. يەنى: ئۇلاردىن ھېچكىم پەرز نامازلارنى تولۇقلاپ ئوقۇمايتتى. دائىم ئوقۇيدىغان سۈننەتلەرنىمۇ ئوقۇمايتتى. ئۇنىڭ ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى تىلغا ئېلىشى، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالمىغانلىقى، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا بۇ دەلىلدىن كۈچلۈكرەك دەلىلنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. سەپەردە نامازنى تولۇقلاپ ئوقۇش دۇرۇستۇر، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ: سىلەر نامازنى قەسىر قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. [سۈرە نىسا 100- ئايەتنىڭ بىر قىسمى] دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن، قىسقارتىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. بۇ ئايەتتىكى گۇناھنى يوققا چىقىرىش بولسا، ئۇنى قىسقارتىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى تولۇقلاش تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەسلى تەلەپ قىلىنغىنى: ئۇنى تولۇقلاپ ئوقۇشتۇر، قىسقارتىپ ئوقۇش بولسا پەقەتلا ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق بىر ئىش ئۈچۈن بولىدۇ. مۇساپىر ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە بۇنى ۋاجىپ دېگەنلەرنىڭ ئىختىلاپىدىن چىقىش ئۈچۈن، سەپەردە نامازنى(قەسىر) قىسقارتىپ ئوقۇشنى تاشلىماسلىقتۇر. يەنە كىلپ بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئەۋزەلدۇر