عن أبي زهير عمارة بن رؤيبة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم : «لن يَلِجَ النار أحد صلى قبل طلوع الشمس وقبل غروبها».
عن جرير بن عبد الله البجلي رضي الله عنه قال: كنا عند النبي صلى الله عليه وسلم فنظر إلى القمر ليلة البدر، فقال: «إنكم سترون ربكم كما تَرَوْنَ هذا القمر، لا تُضَامُونَ في رؤيته، فإن استطعتُمْ أنْ لا تُغْلَبُوا على صلاة قبل طلوع الشمس وقبل غروبها، فافْعَلُوا».
وفي رواية: «فنظر إلى القمر ليلة أربع عشرة».
[الحديثان صحيحان] - [حديث عمارة بن رؤيبة رواه مسلم.
حديث جرير بن عبدالله متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ زۇھەير ئەممارە ئىبنى رۇئەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:«كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى (يەنى ئەسىر نامىزى بىلەن بامداتنى) ئوقۇغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ». جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تولۇن ئايغا قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى ئۆتكۈزمەي ئوقۇشقا قادىر بولالىساڭلار، سىلەر ئاللاھنى خۇددى مۇشۇ ئاينى بىمالال كۆرگەندەك كۆرىسىلەر»، يەنە بىر رىۋايەتتە:«ئون تۆتىنجى كېچىدىكى تولۇن ئايغا قارىدى» دېيىلگەن
[ھەدىس ئىككىلا ئىسناد بىلەن سەھىھ] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئەممارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى يەنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغان ۋە ۋاقتىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى مەڭگۈ قىلىش ياكى ئازابلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا كىرمەيدۇ، چۈنكى بامدات ۋاقتى، ئۇيقۇدىن لەززەت ئالىدىغان ۋاقىت، ئەسىر ۋاقتى بولسا، كەچلىك يېمەك تەييارلاش، تىجارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە كۈندۈزنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ۋاقىت، بۇ نەپسىنى ھورۇنلۇقتىن ۋە دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبادەتكە يەتكۈزۈشنىڭ دەلىلىدۇر. بۇنىڭدىن يەنە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش لازىم كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشى ئەلۋەتتە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى چوڭ-كىچىك گۇناھلارغا يېقىنلاشمايدۇ، ئەگەر يېقىنلىشىپ قالسا دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىدۇ ياكى ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار بولغان كىچىك گۇناھلار بولۇپ قالسا، نامازنى ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغانلىقنىڭ ساۋابى بىلەن كىچىك گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئەبەدىيلىك دوزاخقا كىرمەيدۇ ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ: «سىلەر مۇشۇ تولۇن ئاينى كۆرگەندەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرىسىلەر» دېدى، يەنى مۆمىنلار قىيامەت كۈنى جەننەتتە بەدىر كېچىسىدىكى تولۇن ئاينى كۆرگەنگە ئوخشاش ئاللاھ تائالانى كۆرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئايغا ئوخشاش دېگەنلىك ئەمەس، ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ بەلكى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە كاتتىدۇر، لېكىن ھەدىسنىڭ مەنىسى كۆرۈشنى كۆرۈشكە ئوخشىتىشتۇر، خۇددى بىز ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆزىمىز بىلەن غۇۋاسىز ئوچۇق كۆرگەندەك ئاللاھ تائالانىمۇ قىيامەت كۈنى كۆزىمىز بىلەن ئوچۇق كۆرىمىز. شۇنى بىلىش كېرەككى، جەننەت ئەھلىنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ لەززەتلىك، ئېسىل بولغان ئەڭ ئالى نېمەت ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراشتۇر، بۇنىڭغا ھېچ نەرسە باراۋەر كەلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە تولۇن ئاينى كۆرگەندەك ئاللاھ تائالانى ئوچۇق كۆرىدىغانلىقىمىزنى زىكىر قىلغان ۋاقتىدا: «قادىر بولالىساڭلار كۈن چىقىشتىن ئىلگىرىكى ناماز بىلەن كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى ناماز سىلەرگە غالىپ كەلمىسۇن، ئۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار» دېدى. يەنى بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، بۇ ھەدىس بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ