عن عبد الله بن زيد بن عاصم المازني رضي الله عنه قال: (شُكِيَ إلى النبيِّ صلى الله عليه وسلم الرَّجلُ يُخَيَّلُ إِليه أنَّه يَجِد الشَّيء في الصَّلاة، فقال: لا ينصرف حتَّى يَسمعَ صَوتًا، أو يَجِد رِيحًا).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم ئەلمازىني رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىر ئادەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا تاھارىتى سۇنغاندەك خىيال قىلىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدىكى: بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراق چىقمىغۇچە نامازدىن چىقىپ كەتمىسۇن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بايان قىلغاندەك، بۇ ھەدىس ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن چوڭ - چوڭ ئەھكاملىرى ئېلىنىدىغان ئاساسى قائىدىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ بولسىمۇ: «ھۆكمى ئېنىق بولغان ئىشلارنىڭ ھۆكمى ئۆز جايىدا تۇرىۋىرىدۇ. پەقەت بىرەر گۇمان ياكى شەك – شۈبھە تۈپەيلىدى (مەيلى بۇ شەكلەر كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن، ئىشەنچىلىك ئېنىق ھۆكۈم بولمىسا ياكى شۇنىڭغا يېقىن دەرىجىگە يەتمىسە)، ئەسلى ھۆكۈم ئۆزگەرتىلمەيدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى كۆپتۇر. بىلىنمەي قالمايدۇ. بۇ ھەدىسمۇ شۇنىڭ قاتارىدىندۇر. دېمەك ئىنسان تاھارىتى بارلىقىغا چىن پۈكسە، ئاندىن تاھارىتى سۇنغانلىقىدا گۇمانلىنىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ تاھارىتى بارلىقىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە، كىمكى تاھارىتىنىڭ يوقلىقىغا چىن پۈكسە، ئاندىن تاھارەت ئالغان - ئالمىغانلىقىدا گۇمانلىنىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم تاھارىتى يوقلىقىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. بۇنىڭ قاتارىدىن: كىيىم – كىچەك ۋە ماكانلاردا، نىجاسەت بولغىنى ئېنىق بولمىسا، ئەسلى پاك دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك نامازنىڭ رەكئەتلىرىدا، مەسىلەن: بىر ئادەم ئۈچ رەكئەت ئوقۇغىنىغا چىن پۈكسە، ئەمما تۆتىنچىسىنى ئوقۇغان – ئوقۇمىغانلىقىغا گۇمان قىلىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ ئوقۇلمىغانلىقىدۇر، ئۇ ئادەم تۆتىنچى رەكئەتنى ئوقۇشى لازىم بولىدۇ. يەنە بۇنىڭ قاتارىدىن: كىمكى ئايالىنى تالاق قىلغان – قىلمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ نىكاھىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر كىشىگە مەخپى قالمايدۇ