عن عائشة رضي الله عنها قالت: «كنت أنام بين يَدَيْ رسول الله صلى الله عليه وسلم ورِجْلايَ فِي قِبْلَتِهِ، فإذا سجد غَمَزَنِي، فقَبَضتُ رِجْلَيَّ، فإذا قام بَسَطْتُهُمَا، والبيوت يومئذ ليس فيها مصابيح».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە، ئىككى پۇتۇمنى قىبلىسى تەرىپىگە سۇنۇپ ئۇخلايتتىم، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نوقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يېغىۋالاتتىم، سەجدىدىن تۇرغاندا پۇتۇمنى سۇناتتىم، ئۇ كۈنلەردە ئۆيلەردە چىراغلار يوق ئىدى»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيىتتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۇخلايتتىم، ئۆيلىرىمىز تار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامدا تۇرغان ۋاقىتتا ئىككى پۇتۇمنى قىبلە تەرىپىدە، سەجدە قىلىدىغان جايىغا سۇنۇپ ياتاتتىم، سەجدە قىلىدىغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نۇقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يىغىۋالاتتىم. ئەگەر ئۇنى سەجدە قىلىدىغان ۋاقىتتا كۆرگەن بولسام، ئەلۋەتتە پۇتۇمنى نۇقۇشتىن ئىلگىرى يېغىۋالغان بولاتتىم، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ، نوقۇغۇزماي پۇتنى يېغىۋىلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىمىزدە چېراقلار يوق ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ