عن جابر بن عبد الله الأنصاري رضي الله عنهما قال: «شَهِدْتُ مع رسول الله صلى الله عليه وسلم صلاة الخوف فَصَفَفْنَا صَفَّيْنِ خلف رسول الله صلى الله عليه وسلم والعدو بيننا وبين القبلة، وكَبَّرَ النبي صلى الله عليه وسلم وكَبَّرنا جميعا، ثم ركع ورَكَعْنا جميعا، ثم رفع رأسه من الركوع ورفعنا جميعا، ثم انحدر بالسجود والصف الذي يليه، وقام الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ في نَحْرِ الْعَدُوِّ، فلما قضى النبي صلى الله عليه وسلم السجود، وقام الصفّ الذي يليه انْحَدَرَ الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ بالسجود، وقاموا، تَقَدَّمَ الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ، وَتَأَخَّرَ الصَّفُّ الْمُقَدَّمُ، ثم ركع النبي صلى الله عليه وسلم وركعنا جميعا، ثم رفع رأسه من الركوع ورفعنا جميعا، ثم انحدر بالسجود، والصفّ الذي يليه -الذي كان مُؤَخَّرا في الركعة الأولى- فقام الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ فِي نَحْرِ الْعَدُوِّ، فلما قضى النبي صلى الله عليه وسلم السجود والصف الذي يليه: انْحَدَرَ الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ بالسجود، فسجدوا ثم سلَّم صلى الله عليه وسلم وسَلَّمْنا جميعا، قال جابر: كما يصنع حَرَسُكُمْ هؤلاء بأُمرائهم». وذكر البخاري طرفا منه: «وأنه صلى صلاة الخوف مع النبي صلى الله عليه وسلم في الغزوة السابعة، غزوة ذات الرِّقَاعِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن خەۋپ نامىزىغا قاتناشتىم، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدا ئىككى سەپ بولۇپ تۇردۇق، دۈشمەن بىز بىلەن قىبلە ئارىلىقىدا ئىدى، رەسۇلۇللاھ تەكبىر ئوقۇدى، ھەممىمىز تەكبىر ئوقۇدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇ قىلدى، بارلىق جامائەت رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇدىن تۇردى، بىزمۇ ھەم تۇردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئارقىدىكى سەپ دۈشمەن قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئارقىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئۇلار سەجدىدىن تۇرغاندا، كەينىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ كەينىگە ئۆتۈپ ئورۇن ئالماشتۇردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇ قىلدى، بىز ھەممىمىز رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بىزمۇ بېشىمىزنى كۆتۈردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللا ۋە يىنىدىكى سەپتىكىلەر (بىرىنچى رەكەتتە ئارقىدا تۇرغانلار) سەجدىگە باردى، ئارقا سەپتىكىلەر دۈشمەن قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋە يىنىدىكى سەپتىكىلەر سەجدىنى تۈگەتكەندە ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە باردى، ئۇلار ھەممىسى سەجدە قىلىپ بولغاندا رەسۇلۇللاھ سالام بەردى، بىزمۇ سالام بەردۇق»، جابىر: «خۇددى قوغدۇغۇچىلىرىڭلار باشلىقلىرىغا تۇرغاندەك» دېدى. بۇخارى بۇ ھەدىسنىڭ بىر قىسمىنى رىۋايەت قىلىپ: جابىر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن «زاتۇر رىقا» دېگەن يەتتىنچى قېتىملىق غازاتتا خەۋپ نامىزى ئوقۇغان» دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە خەۋپ نامىزىنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان، دۈشمەن قىبلە تەرەپكە ئورۇنلاشقان ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇننى ئىككىگە بۆلگەن، بىر قىسمى ئالدى سەپ، يەنە بىر قىسىمى ئارقا سەپ بولۈپ تۇرغان، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا نامازنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ھەممەيلەن تەكبىر، قىرائەت، رۇكۇ ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈشنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە قىلىدۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بارغاندا بىرىنچى سەپ بىللە سەجدىگە بارغان، سەجدىدىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرغاندا، قاراۋۇللۇقتا تۇرغان ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە بارغان، ئۇلار سەجدىدىن تۇرغاندا، بىرىنچى سەپتىكىلەر پۈتكۈل نامازدا ئورنىدا تۇرۇۋالماي، ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ئارقىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ ئارقىغا ئالماشقان، ئىككىنچى رەكەتتىمۇ ئاۋالقى رەكەتتىكىگە ئوخشاش قىلىپ، ئاندىن بىرلىكتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە سالام بەرگەن. بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان خەۋپ نامىزىنىڭ تەپسىلاتى، دۈشمەن قىبلە تەرەپتە بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى شارائىتىغا ئۇيغۇن، ئۇلار قىيامدا ياكى رۇكۇدا دۈشمەننى كۆرەپ تۇرىدۇ، ئارقىدىن باستۇرما قوشۇننىڭ كېلىشىدىن ئەمىن بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش