عن أبي شُريح -خُوَيْلِدِ بن عمرو الخُزَاعي العدوي رضي الله عنه-: أنه قال لعمرو بن سعيد بن العاص -وهو يبعث الْبُعُوثَ إلى مكة- ائْذَنْ لي أيها الأمير أن أُحَدِّثَكَ قولا قام به رسول الله صلى الله عليه وسلم الغد من يوم الفتح؛ فسمعَتْه أُذُنَايَ ، وَوَعَاهُ قلبي، وأبصرته عيناي حين تكلم به أنه حمد الله وأثنى عليه، ثم قال: «إن مكة حَرَّمَهَا الله تعالى، ولم يُحَرِّمْهَا الناس، فلا يحل لِامْرِئٍ يؤمن بالله واليوم الآخر: أن يسفك بها دمًا، ولا يعضد بها شجرة، فإن أحد ترخص بقتال رسول الله صلى الله عليه وسلم فقولوا: إنَّ الله أذِن لرسوله ولم يأذن لكم. وإنما أذِنَ لي ساعة من نهار، وقد عادت حُرْمَتُهَا اليوم كَحُرمتها بالأمْسِ، فَلْيُبْلِغِ الشَّاهِدُ الغائب».
فقيل لأبي شريح: ما قال لك؟ قال: أنا أعلم بذلك منك يا أبا شريح، إن الحرم لَا يُعِيذُ عاصيا، وَلَا فَارًّا بدمٍ، ولَا فَارًّا بِخَرْبَةٍ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبى شۇرەيھ خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرىلخۇزائى ئەلئەدەۋى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاسقا مۇنداق دەيدۇ: (ئۇ مەككىگە قوشۇن يوللاشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىتتا) ئى ئەمىر ماڭا بىر ھەدىس سۆزلەشكە رۇخسەت بەرسىلە، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغان كۈنى ئەتتىگەندە دېگەن ئىدى، مېنىڭ ئىككى قۇلۇقۇم ئاڭلىغان، قەلبىم ئۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەن، ۋە سۆزلەۋاتقاندا ئىككى كۆزۈم كۆرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: شۈبھىسىزكى، مەككىنى كىشىلەر ئۆزلىرى ئۇنىڭدا ئۇرۇش قىلشنى ھارام قىلىۋالمىدى بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلدى، ئۇنداق بولغانىكەن ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيىتىدىغان ھەر قانداق كىشىگە، ئۇنىڭدا قان تۆكۈش ۋە دەرەخ كېسىش ھالال بولمايدۇ، ئەگەر بىرەر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا ئۇرۇش قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ ئۆزىگە رۇخسەت تاپسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە رۇخسەت بەرگەن سىلەرگە ئەمەس، دەڭلار. بۇ ماڭا شۇ كۈنى بىرقانچە سائەتلام رۇخسەت قىلىندى ۋە ئۇنىڭ ھاراملىقى خۇددى ئالدىنقىغا ئوخشاشلام قايتىپ كەلدى. بۇنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن!. باشقىلار ئەبى شۇرەيھتىن: ساڭا ئەمىر نېمە دېدى دەپ سورىۋېدى، ئۇ: ئى ئەبى شۇرەيھ مەن بۇنى سەندىن ياخشىراق بىلىمەن، ھەقىقەتەن ھەرەم گۇناھكارنى، بىرەر قانغا زامىن بولغاننى ۋە بىرەر جىنايەت بىلەن قاچقاننى قوغدىمايدۇ، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئەلئەشدەق (مۇنازىرىگە ماھىر) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس (ئۇ زاماندا ئۇ يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە تەرىپىدىن مەدىنىگە تەيىنلىگەن ئەمىر ئىدى) مەككىگە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكىلى تەييارلىق قىلغاندا، ئەبۇ شۇرەيھ خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرۇ ئەلخۇزائى ئەلئەدەۋى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغىلى كەلدى، بۇ نەھىسەت قىلىنغۇچى ئۆز كۆڭلىدە چوڭ ئادەم بولغانلىقتىن، ئەبۇ شۇرەيھ ھىكمەت بىلەن پۇختا ئىش قىلىش يۈزىسىدىن ۋە بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشقا تۈرتكە بولسۇن، ئاقىۋەت تىنچ-ئامان بولسۇن دەپ، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ قىلدى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۇ ئالدىراۋاتقان بۇ قوشۇن ئەۋەتىش توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىشقا رۇخسەت سورىدى، رىۋايەت قىلماقچى بولغان ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ راس ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىسى بارلىقىنى تەكىتلىدى، چۈنكى ئۇ ھەدىسنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى ئاڭلىغان، قەلبى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقاندا ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەنىدى، ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىۋېدى، ئەبۇ شۇرەيھ دېدى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغان كۈنى ئەتتىگەندە، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا ئاسمان زېمىننى ياراتقان كۈنى مەككىدە ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلدى، دېمەك؛ مەككىنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىش قەدىمدىن بولۇپ كەلگەن ئىشتۇر، ئۇنى كىشىلەر بەزى يايلاقلارنى ۋە سۇلارنى ۋاقىتلىق چەكلىگەندەك چەكلەپ قويمىدى، بەلكى ئۇنى ئۇلۇغلاشنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى ھارام قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىدۇر. ئۇنى ھارام قىلىش قەدىمى ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى ئىمانىنى ساقلاپ قالاي دېسە، ئۇنىڭدا قان تۆكۈشى ۋە دەرەخ كېسىشى ھالال بولمايدۇ، ئەگەر بىرەر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى فەتھى قىلغاندا ئۇرۇش قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ ئۆزىگە رۇخسەت تاپسا، ئۇنىڭغا: شەكسىزكى سەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھالىتىدە ئەمەس، ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىلگەنىدى ساڭا رۇخسەت بىرىلگىنى يوق، يۇقىرىدىكى رۇخسەتمۇ دائىم ئۇرۇش قىلىشقا ئەمەستى، ئۇ پەقەت شۇ كۈننىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىق ھالدا بىرقانچە سائەتلىك ئىدى، ئۇنىڭ ھاراملىقى ئىلگىرى قانداق ھارام بولغان بولسا، كىيىن شۇ ھالەتكە قايتتى، بۇنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن! دېگەنلىكى ئۈچۈن، مەن شۇ پەتھى كۈنى ئەتتىگەندە بۇ گەپكە ھازىر بولغان، ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ھازىر بولمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك، سېلىگە بۇنى يەتكۈزدۈم ئى ئەمىر، دېدى. باشقىلار ئەبى شۇرەيھقا: ئەمىر ساڭا قانداق جاۋاپ بەردى؟ دېۋىدى، ئۇ ماڭا مۇنداق جاۋاپ بەردى: ئى ئەبى شۇرەيھ مەن بۇنى سەندىن ياخشىراق بىلىمەن، ھەقىقەتەن ھەرەم گۇناھكارنى، بىرەر قانغا زامىن بولغاننى ۋە بىرەر جىنايەت بىلەن قاچقاننى قوغدىمايدۇ، دېدى. ھەدىسكە ئۆز رەيى بىلەن قارشى تۇردى-دە، ئىبنى زۇبەير بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قوشۇنلارنى چىقىرىشتىن باش تارتمىدى، بەلكى ئۇ ئىشىنى داۋاملاشتۇردى.تەيسىيرىل ئەللام (381-بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3-توم، 509-510-بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3-توم، 346-بەت)