عن زيد بن خالد الجهني رضي الله عنه : «سئل رسول الله صلى الله عليه وسلم عن لُقَطَة الذهب، أو الوَرِق؟ فقال: اعرف وكِاَءَهَا وعِفَاصَهَا، ثم عَرِّفْهَا سَنَةً، فإن لم تُعرَف فاستنفقها، ولتكن وديعة عندك فإن جاء طالبها يوما من الدهر؛ فأدها إليه. وسأله عن ضالة الإبل؟ فقال: ما لك ولها؟ دَعْهَا فإن معها حِذَاَءَهَا وسِقَاءَهَا، تَرِدُ الماء وتأكل الشجر، حتى يجدها رَبُّهَا. وسأله عن الشاة؟ فقال: خذها؛ فإنما هي لك، أو لأخيك، أو للذئب».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئالتۇن ياكى كۈمۈش تىپىۋىلىنسا قانداق قىلىش توغرۇلۇق سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى سالغان خالتىنى (ھەمياننى) ۋە بوغقان يىپىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇنى بىر يىلغىچە ئېلان قىلغىن! ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا ئىشلەتكىن، ئەمما سەندىكى ئامانەتتەك بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ ئىگىسى بىر كۈنلەردە چىقىپ قالسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېدى. ئېزىپ قالغان تۆگە توغرۇلۇق سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ ئۇنى ئۆز ھالىغا قويۇپ قويغىن! ئۇنىڭ ماڭىدىغان ئايىغى ئىچىدىغان سۈيى ئۆزى بىلەن بىرگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئىگىسى تېپىلغۇچە، قۇدۇققا كېلىپ سۇ ئىچىدۇ ۋە دەرەخلەردىن يەيدۇ، دېدى. قوي توغرۇلۇق سورىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى تۇتۇۋالغىن، ئۇنى يا سەن يا يەنە بىر قېرىندىشىڭ تۇتىدۇ ياكى بۆرىنىڭ بولىدۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، يۈتۈپ كەتكەن ئالتۇن- كۈمۈش، تۆگە ۋە قوي قاتارلىق ماللارنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ نەرسىلەرنىڭ ھۆكمىنى ئۇنىڭدىن باشقا شۇ نەرسىلەرگە ئوخشايدىغان يۈتۈپ كەتكەن نەرسىلەرگە مېسال بولسۇن ۋە شۇلارنىڭ ھۆكمىنى ئالسۇن دەپ بايان قىلىپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش توغرۇلۇق: ئۇنى سالغان خالتىنى (ھەمياننى) ۋە بوغقان يىپىنى بىلگىن! بۇنداق قىلغاندا بۇ مالنى ئۆزۈڭنىڭ ماللىرىڭدىن ئايرىيالايسەن ۋە مەزكۇر بەلگىگە قارىتا ئۇنى ئۆزىنىڭكى دەپ داۋا قىلغانلارغا خەۋەر قىلالايسەن، ئەگەر ئۇنىڭ دېگەن سۈپەتلىرى سېنىڭ بىلگىنىڭگە ئۇدۇل كەلسە، ئۇ نەرسىنى بېرىسەن. ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا ئۇنىڭ قىلغان داۋاسىنىڭ خاتالىقى ئايان بولىدۇ. ئۇنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بىر يىلغىچە ئېلان قىلغىن! ئۇنى ئېلان قىلىش: كىشىلەر توپلىشىدىغان بازار، مەسچىتلەرنىڭ ئالدىلىرى، ئومۇمى خەلق توپلىشىدىغان جايلار ۋە ئۇنى تېپىۋالغان جايلاردا بولىدۇ. ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا ئىشلەتسەڭ بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىگىسى بىر كۈنلەردە چىقىپ قالسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشىڭ كېرەك، دېدى. ئەمما يۈتۈپ كەتكەن تۆگە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ھايۋانلار بولسا، ئۇنى تۇتۇۋىلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلار ياۋلاردىن ھىمايە قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس، بەلكى ئۆز تەبىئىتىدىن ھىمايىسى بار. مەسىلەن: كىچىكرەك يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ئۆزىنى ساقلىيالايدىغان كۈچى، ئۇنى خەتەرلەردىن يىراق قىلىدىغان تۇياقلىرى، دەرەخلەردىن يېيەلەيدىغان ۋە قۇدۇقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان بوينى ۋە ئوزۇقلۇق ساقلايدىغان خەزىنىسى باردۇر. دېمەك؛ ئۇنى باشتا يۈتۈپ كەتكەن يېرىدىن ئىزدەيدىغان ئىگىسى تېپىپ بولغۇچە، ئۆزىنى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە ھالاك بولۇپ كېتىشتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلالايدۇ. ئەمما قويغا ئوخشىغان كىچىك ھايۋانلارنى بولسا، يېرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تۇتۇۋېلىشقا رۇخسەت، ئۇنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىسى كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇنى ئېلان قىلىش كېرەك بولغان بىر يىل ئۆتۈپمۇ ئىگىسى كەلمىسە، ئۇ مالنى تېپىۋالغۇچى ئىشلەتسە بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش