+ -

عن ابن عباس رضي الله عنهما في قصة بريرة وزوجها، قال: قال لها النبي صلى الله عليه وسلم : «لو رَاجَعْتِهِ؟» قالت: يا رسول الله تأمرني؟ قال: «إنما أشْفَع» قالت: لا حاجة لي فيه.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەرىرە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىكى ھەدىستە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭچۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مىنى بۇيرۇۋاتاملا؟، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن مۇرەسسە قىلىۋاتىمەن، دېدى، بەرىرە: مېنىڭ ئۇنىڭغا ھېچبىر ئېھتىياجىم يوق، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بەرىرەنىڭ ئېرى مۇغىس ئىسىملىك بىر قۇل ئىدى، بەرىرە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى سېتىۋىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى ئازات قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇغىس بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقى بېرىلگەندە ئۇ ئىرىدىن ئايرىلىپ كەتتى. مۇغىس بەرىرەگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ئۇنىڭ قارارىنى قايتا ئويلۇنۇپ ئۆزىنىڭ يىنىغا قايتىپ كىلەمىكىن دەپ، ياشلىرى ساقىلى ئاققۇدەك يىغلاپ، مەدىنىنىڭ كوچىلىرى ۋە يوللىرىدا ئۇنىڭ كەينىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭ ساۋاب بولار ئىدى، دېدى. بەرىرە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى يېنىشىشقا ۋاجىب شەكىلدە بۇيرۇملا؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارا تۇرۇۋاتىمەن، دېدى. بەرىرە: ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا ھېچبىر ئېھتىياجىم ۋە قىزىقىشىم يوق، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ