عن الأسود بن يزيد، قال: سُئِلَتْ عائشةُ رضي الله عنها ما كانَ النبيُّ صلى الله عليه وسلم يَصْنَعُ في بَيتِهِ؟، قالَتْ: كانَ يَكونُ في مِهنَةِ أهلِهِ -يَعني: خِدمَة أهلِهِ- فإذا حَضَرَتِ الصلاةُ، خَرَجَ إلى الصلاةِ.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەسۋەد ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ئۆز ئاياللىرىغا ياردەمدە بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى، دەپ جاۋاپ بەردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكىدىن، ئۇ زات ئۆيىدە ئەھلىنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، قوينى ساغىتتى، ئاياغلىرىنى يامايتتى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلىدە نېمە ئىش قىلاتتى دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى دېگەن، مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، كەمتەرلىكى، ئاددى ئىشلارنىمۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئالى تۇرمۇشلاردىن يېراق بولىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ