عن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه كان إذا دخل المسجد قال: «أعوذ بالله العظيم، وبوجهه الكريم، وسلطانه القديم، من الشيطان الرَّجِيم»، قال: أَقَطُّ؟ قلت: نعم، قال: فإذا قال ذلك قال الشيطان: حُفِظَ منِّي سائر اليوم.
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن، ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى بىلەن، ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى. رىۋايەت قىلغۇچىغا: مۇشۇنچىلىكمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ھەئە، بۇ دۇئانى قىلسا، شەيتان: «ئۇ قالغان كۈنىدە مېنىڭ يامانلىقىمدىن ھىمايە قىلىندى» دەيدۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، يەنى: سۈپەت، ئەھۋال، زاتىدا ئۇلۇغ بولغان ئاللاھ تائالاغا ئېسىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن پاناھ تىلەيمەن ۋە قوغدىنىمەن، دەيتتى. «ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى» دېگەن، نېمىتى تۈگىمەس سىخى، چەكسىز ئېسىل دېگەن مەنىدە. «ئېسىل» دېگەن سۆزمۇ ياخشىلىق، پەزىلەت ۋە ئالىجانابلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [يۈز» دېگەن سۈپەتنى ئاللاھ تائالاغا ئۆزگەرتمەي، بىكار قىلماي ۋە ئوخشاتماي ئىسپاتلاش كېرەك. «ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلى پاكىت-ھۆججىتى ياكى قەدىمى ھۆكۈمرانلىقى دېگەن مەنىدە. «قوغلاندى شەيتاندىن» ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغان، ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن سوقۇلغان شەيتاندىن دېگەن مەنىدە. «مۇشۇنچىلىكمۇ؟، ھەئە» رىۋايەتچىلەردىن بىرى شەيخىدىن: «ساڭا بۇ ھەدىسنىڭ مۇشۇنچىلىك قىسمى يەتتىمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ: ھەئە، دېدى. ياكى بۇ سۆزدىن، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن بۇ زىكىرلەر يېتەرلىكمۇ ياكى بولمىسا باشقا زىكىرلەرمۇ بارمۇ؟ دېمەكچى بولىشىمۇ مومكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن رىۋايەتچى: ھەئە، دېدى، ۋە: «مەسجىدكە كىرگەن كىشى بۇ دۇئانى ئوقۇسا، شەيتان: «بۇ كىرگۈچى قالغان كۈنىدە مېنىڭ يامانلىقىمدىن ھىمايە قىلىندى» دەيدۇ، دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ