عن علي بن أبي طالب رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم إذا قام إلى الصلاة يكون من آخر ما يقول بين التشهد والتسليم: «اللهم اغفر لي ما قَدَّمتُ وما أخَّرْتُ، وما أسررتُ وما أعلنتُ، وما أسْرَفتُ، وما أنت أعلم به مني، أنت المُقَدِّم، وأنت المؤخر، لا إله إلا أنت».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان، چېكىدىن ئاشۇرۇرىۋەتكەن، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى دەيدىغان ئاخىرىقى سۆزى: ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى قىلغان (يامانلىقىمنى)، كېچىكتۈرگەن (ئەمىلىمنى)، يەنى: سەل قارىغان بارلىق ئىشلارنى، مەخپى قىلغان، ئاشكارا قىلغان، ئىسراپ قىلغانلىرىمنى، يەنى: چەكتىن ئاشۇرىۋەتكىنىمنى. بۇ ھەر-تۈرلۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئالاھىدە ئەپۇ سوراشتۇر، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، يەنى: مەن سانىنى ۋە ھۆكمىنى بىلمەيدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. سەن ئىلگىرىلەتكۈچى، يەنى: بەزى بەندىلىرىڭنى ئىتائەتلەرگە مۇۋاپىقىيەت بېرىش بىلەن ئۆزۈڭ تەرەپكە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، يەنى: يەنە بەزى بەندىلىرىڭنى غەلبە-نۇسرەتتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن چىكىندۈرگۈچىسەن، ياكى سەن خالىغان كىشىلەرنى مۇكەممەللىك دەرىجىسىدە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن، خالىغان كىشىلەرنى ئالى ماقاملاردىن پۈچەك ئىشلارغا چۈشۈرگۈچىسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، يەنى: سەندىن باشقا ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، دەيتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ