عن سَمُرَة بن جندبٍ رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«أَحَبُّ الْكَلَامِ إِلَى اللهِ أَرْبَعٌ: سُبْحَانَ اللهِ، وَالْحَمْدُ لِلهِ، وَلَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَاللهُ أَكْبَرُ، لَا يَضُرُّكَ بِأَيِّهِنَّ بَدَأْتَ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

سەمۇرە بىن جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھقا ياقتۇرىلىدىغان سۆزلەر تۆتتۇر: سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى بىلەن باشلىسىڭىز خاتا بولمايدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا بەكراق ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەرنىڭ تۆت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:
سۇبھانەللاھ، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانى بارلىق كەمچىللىكتىن پاكلاش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئەلھەمدۇ لىللاھ، بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە تولۇق ۋە مۇكەممەللىك بىلەن سۈپەتلەشتۇر.
ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر.
ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن ئۇلۇغ، كاتتا ۋە غالىپتۇر.
بۇ سۆزلەرنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابىنىڭ ھاسىل بولىشى بۇ زىكىرلەرنى ئېيتقاندا يۇقىرىدىكى تەرتىپ بىلەن دېيىش تەقەززا قىلىنمايدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. شەرىئەتنىڭ ئاسانلىقىدىن: بۇ زىكىرلەرنىڭ قايسىسى بىلەن باشلىسا خاتا بولمايدۇ.
تېخىمۇ كۆپ