عن أبي هريرة رضي الله عنه قال:
سُئِلَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ أَكْثَرِ مَا يُدْخِلُ النَّاسَ الْجَنَّةَ، فَقَالَ: «تَقْوَى اللهِ وَحُسْنُ الْخُلُقِ»، وَسُئِلَ عَنْ أَكْثَرِ مَا يُدْخِلُ النَّاسَ النَّارَ فَقَالَ: «الْفَمُ وَالْفَرْجُ».

[حسن صحيح] - [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد] - [سنن الترمذي: 2004]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن. كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە ئەۋرەت دېگەن» دېگەن.

[ھەسەن سەھىھ] - [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد] - [سۈنەن تىرمىزى - 2004]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ كاتتا سەۋەپلەردىن تۆۋەندىكى ئىككىنى بايان قىلىپ بەردى:
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق.
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش دېگەن: ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىغا ساقلىنىدىغان بىرنەرسە قىلىشتۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن بولىدۇ.
گۈزەل ئەخلاق دېگەن: ئوچۇق چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتۇر.
دوزاخقا كىرگۈزىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىن ئىككى سەۋەپ بولۇپ، ئۇ ئىككىسى:
تىل ۋە ئەۋرەت.
تىلنىڭ ئاسىيلىقى بولسا: يالغان سۆز قىلىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردۇر.
ئەۋرەتنىڭ ئاسىيلىقى: زىنا، بەچچىۋازلىق ۋە باشقىلار.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىنساننىڭ جەننەتكە كېرىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار بولغان سەۋەبلىرىدىن: تەقۋادارلىق. كىشىلەرگە ئالاقىدار بولغان سەۋەپلەردىن: گۈزەل ئەخلاق.
  2. تىلنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، ئۇ ساھىبىنىڭ دوزاخقا كېرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
  3. شەھۋەت ۋە پاھىشەنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، بۇ دوزاخقا كېرىشنىڭ ئەڭ كۆپ سەۋەپلىرىدىندۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ