تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر
سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار
ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە
قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (يەنى تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ
قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ