عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ قَالَ: قَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«السَّاعِي عَلَى الأَرْمَلَةِ وَالمِسْكِينِ، كَالْمُجَاهِدِ فِي سَبِيلِ اللَّهِ، أَوِ القَائِمِ اللَّيْلَ الصَّائِمِ النَّهَارَ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشلىرىنى قىلالمايدىغان تۇل، ئىگە چاقىسىز ئاياللار ۋە ئېھتىياجلىق پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلغان، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىپ ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققۇچى ياكى كېچىسى چارچىماستىن تەھەججۈت ئۈچۈن قىيامدا تۇرغان، كۈندۈزى داۋاملىق نەپلە روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشاش پەزىلەتكە نائىل بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس: ئاجىز، بىچارىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا ئىگە بولۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
  2. ئىبادەت بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشمۇ ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
  3. ئىبنى ھەبىيرە مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت؛ ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا روزا تۇتقۇچى، كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى جۇغلايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى تۇل ئايالغا نىسبەتەن يولدىشىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ خىزمىتىنى قىلدى.....، ئۆز ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن مىسكىننىڭ خىزمىتىنى قىلدى، ئۆزىنىڭ ئارتۇق ماللىرىنى نەپىقە قىلدى، تېرىشىپ تاپقان مېلىنى سەدىقە قىلدى، بۇنىڭ پەزىلىتى روزا تۇتقاننىڭ، قىيامدا تۇرغاننىڭ ۋە جىھاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ