عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«لَا تَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّى تُؤْمِنُوا، وَلَا تُؤْمِنُوا حَتَّى تَحَابُّوا، أَوَلَا أَدُلُّكُمْ عَلَى شَيْءٍ إِذَا فَعَلْتُمُوهُ تَحَابَبْتُمْ؟ أَفْشُوا السَّلَامَ بَيْنَكُمْ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەر(ھەقىقى)مۇئ‍مىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئ‍مىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ياخشى كۆرمىگۈچە، مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدىغانلىقى، ئىمان مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى ۋە ئىمان مۇكەممەل بولمىسا جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئومۇملاشتۇرىدىغان بىر قانچە ياخشى ئىشلارنى كۆرسەتتى، ئۇ ئىشلاردىن بىرى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن ھۆرمەت بەلگىسى قىلغان سالامنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئاشكارا قىلىشتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. جەننەتكە كېرىش پەقەت ئىمان بىلەن بولىدۇ.
  2. ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشى، مۇسۇلمان ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. .
  3. مۇسۇلمانلار ئۆز جەمئىيتىدە مېھرى-مۇھەببەت، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا بىر-بىرىگە سالامنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.
  4. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاراڭلاردا» دېگەن سۆزىگە كۆرە، سالام پەقەت مۇسۇلمانغا قىلىنىدۇ.
  5. ئۆزئارا سالام قىلىش دېگەن ئارىدىكى ئۆچمەنلىك، بىر-بىرىنى تەرك قىلىش ۋە ئالاقىسىنى ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى يوق قىلىدۇ.
  6. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ ئىماننى مۇكەممەل قىلىدۇ.
  7. يەنە بىر ھەدىستە تولۇق سالام قىلىش شەكلى مۇنداق كەلگەن:"ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ"،ئەگەر "ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم" دېسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ