عن أبي إدريس الخولاني رحمه الله قال: دَخَلْتُ مَسْجِدَ دِمَشقَ، فَإِذَا فَتًى بَرَّاق الثَنَايَا وَإِذَا النَّاس مَعَه، فَإِذَا اخْتَلَفُوا فِي شَيءٍ، أَسْنَدُوهُ إِلَيهِ، وَصَدَرُوا عَنْ رَأْيِهِ، فَسَأَلْتُ عَنْهُ، فَقِيل: هَذَا مُعَاذ بْنُ جَبَلٍ رضي الله عنه فَلَمَّا كان مِنَ الغَدِ، هَجَّرتُ، فَوَجَدتُه قَدْ سَبِقَنِي بِالتَهْجِير، وَوَجَدتُهُ يُصَلِّي، فَانتَظَرتُهُ حَتَّى قَضَى صَلاَتَه، ثُمَّ جِئتُهُ مِن قِبَلِ وَجْهِهِ، فَسَلَّمْتُ عَلَيه، ثُمَّ قُلتُ: وَالله إِنِّي لَأُحِبُّكَ لِلَّه، فَقَال: آلله؟ فَقُلتُ: آلله، فقال: آللهِ؟ فقُلْتُ: آلله، فَأَخَذَنِي بَحَبْوَةِ رِدَائِي، فَجَبَذَنِي إِلَيه، فَقَال: أَبْشِر! فَإِنِّي سَمِعتُ رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «قَالَ الله -تعَالَى-: وَجَبَت مَحَبَّتِي لِلمُتَحَابِّين فِيَّ، وَالمُتَجَالِسِينَ فِيَّ، وَالمُتَزَاوِرِينَ فِيَّ، وَالمُتَبَاذِلِينَ فِيَّ».
[صحيح] - [رواه مالك وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ ئىدرىس خەۋلانىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: دەمەشىق جامەسىگە كىرسەم، جامائەت چىشلىرى ئاپئاق پارقىراپ تۇرغان بىر يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋاپتۇ، بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالسا، ئۇنى ئاساس قىلىپ، پىكرىنى ئالىدىكەن، مەن ئۇ يىگىتنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋىدىم، ماڭا: بۇ مۇئاز ئىبنى جەبەل، دېيىلدى، ئەتىسى چۈشتە جامەگە بالدۇرراق باردىم، ئۇ مەندىن بۇرۇن بېرىپ، ناماز ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ، نامىزىنى ئوقۇپ بولغىچە كۈتۈپ تۇرۇپ، ئالدى تەرىپىدىن كېلىپ، سالام بەردىم، ئاندىن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن» دېدىم، ئۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئۇ يەنە: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دېدى، مەنمۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئۈچىنچى قېتىم: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئاندىن ئۇ تونۇمنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ: «ساڭا خۇش بېشارەت بولسۇن!، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا: «مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، بىللە ئولتۇرغانلارغا، بىرـ بىرىنى زىيارەت قىلغانلارغا، بىر-بىرىگە بىغىشلىغانلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى، دەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرشۈشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. «بۇ ئىشلار {تفاعل} سىيغىسى ئىپادىلىگەندەك ئىككى تەرەپتىن سادىر بولۇپ، ماددى مەنپەئەت ئۈچۈن، غەرەزلىك ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا بولغاندا پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرشىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى شەرەپلىكىدىن مۇكاپاتىمۇ كاتتا بولغان. يەنە بىر ھەدىستە : «كىم ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن) ياخشى كۆرسە ۋە ئۆچ كۆرسە، ئاللاھ رىزالىقىنى دەپ پۇل-مال بەرسە ۋە چەكلىسە ئۇ كىشى ئىمانىنى پۈتۈنلىگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ھەدىستە: ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن، دېگەندە، ئاللاھ بىلەن قەسەممۇ؟ دەپ تەكىتلەپ سورىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىلىدا قەسەم سۆزنى ئېنىقلاش، تەكىتلەش، تەكىتلەشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. «ئۇ مېنىڭ كىيىمىمنىڭ پىشىدىن تۇتۇپ» دېگەن سۆزدىن چاپاننىڭ ئىككى پىشىنى مەقسەت قىلغان. «ئۆزىگە تارتتى» دېگەن سۆزدىن يېقىنلاشتۇرۇش، چىقىشىش، سۆزىنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن خۇش-بىشارەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مۇئاز ئىبنى جەبەل ئۇنىڭغا: «خۇش-بىشارەت ئال!، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ :«ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» دېگەن ھەدىس ئارقىلىق، بۇ يەردە بىشارەت بەرگەن سۆزنى راس سۆزلۈگۈچى ۋە راس سۆز ئېلىپ كېلىنگۈچى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تائالادىن ھەدىس بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىنى ئىشەندۈرۈمەكچى بولغان، چۈنكى بۇ سۆزنى مۇئاز رەسۇلۇللاھتىن، رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئىجتىھاد قىلىپ دېمىگەن. «ئۇلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى» دېگەن سۆزدىن مەقسەت: مۇھەببىتىم ئۇلارغا مۇستەھكەم بولدى، دېمەكچى. «رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىللە ئولتۇرغانلارغا» دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئاللاھ تائالانى ئەسلەش، شەرىئەت ئەھكامىنى تۇرغۇزۇش، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىدە تۇرۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش، شەرىئەتلىرىنى قوغداش، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشتا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغان، دېمەكچى. ئاللاھ تائالانىڭ: «مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقانلار» دېگەن سۆزدىن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشى پەقەت تائەت ئىبادەتتە ھەمكارلىشىش، ئۆز-ئارا دوسلۇشۇشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى، مۇھەببىتىنى، ساۋابىنى كۆزلەپ بولغانلىقى مەقسەت قىلغان. «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىغىشلاشقانلارغا» دېگەندىن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى دەپ ياۋلارغا قارشى قىلىنغان جىھادلارغا جىنىنى بىغىشلىغان، شەرىئەت بۇيرۇغان ياخشى ئىشلارغا، ئىھتىياجلىق كەمبەغەللەرگە چىقىم قىلغاننى مەقسەت قىلغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ