عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«إِنَّ اللهَ لَا يَظْلِمُ مُؤْمِنًا حَسَنَةً، يُعْطَى بِهَا فِي الدُّنْيَا وَيُجْزَى بِهَا فِي الْآخِرَةِ، وَأَمَّا الْكَافِرُ فَيُطْعَمُ بِحَسَنَاتِ مَا عَمِلَ بِهَا لِلَّهِ فِي الدُّنْيَا، حَتَّى إِذَا أَفْضَى إِلَى الْآخِرَةِ، لَمْ تَكُنْ لَهُ حَسَنَةٌ يُجْزَى بِهَا».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2808]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئ‍مىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما كاپىرغا بولسا دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا كۆرە رىزىق بېرىلىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا كاپىرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ياخشىلىقى بولمايدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2808]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇئ‍مىنلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقىنىڭ بۈيۈك ئىكەنلىكى ۋە كاپىرلار بىلەن بولغان ئادىللىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما مۇئ‍مىننىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى كەمەيتىلمەيدۇ، بەلكى مۇئ‍مىنگە قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىگە كۆرە ئاخىرەتتە مۇكاپاتلىنىدىغان مۇكاپات ساقلىنىش بىلەن بىرگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بېرىلىدۇ. ئەمما كاپىر بولسا: ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپىتى دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلىنىش بىلەن بولىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشىنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ساۋابى بولمايدۇ، چۈنكى دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىسى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلغۇچىنىڭ مۇئ‍مىن بولىشى كېرەك بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كاپىر ھالەتتە ئۆلگەن كىشىگە دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ