عن حبيب بن مسلمة الفِهْري قال: «شَهِدت النبيَّ صلى الله عليه وسلم نَفَّلَ الرُّبْعَ في البَدْأَةِ، والثُّلُثَ في الرَّجْعَة».
[صحيح] - [رواه أبو داود وأحمد]
المزيــد ...

ھەبىب ئىبنى مەسلەمە فىھرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەڭگە ئاتلانغاندا غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى، جەڭدىن قايتقاندا غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى (بۇ غەنىمەتلەرنى ئالغانلارغا) تارتۇق قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە، چوڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ غەنىمەت ئالىدىغان ئەترەتنىڭ ئەزالىرىغا باشقا غازىيلارغا قارىغاندا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىشىنى تەقدىرلەپ، ئۆز ئۈلۈشىدىن سىرت تارتۇق قىلىنسا بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ئۇلار مۇجاھىدلار غازاتقا ئاتلىنىپ ماڭغاندا دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلغان بولسا ئالغان غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرى بېرىلىدۇ، جەڭدىن قايتىۋاتقاندا ھۇجۇم قىلغان بولسا ئالغان غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرى بېرىلىدۇ، قالغان تۆتتىن ئۈچ قىسمى ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى قوشۇندىكىلەر بىلەن ئورتاق ئالىدۇ. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ جەڭدىن قايتقاندا جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئېلىشىنىڭ سەۋەبى: قايتىش ۋاقتىدا قوشۇن جەڭ قىلغان سەۋەپلىك چارچاپ ئاجىزلايدۇ، ئەترەت تايىنىدىغان كۈچ، ياردەمچى قوشۇن ھەم بىرلىشىدىغان جامائەتتىن ئايرىلغان بولىدۇ، جەڭگە ئاتلانغاندا ئىش ئەكسىچە بولۇپ، قوشۇن ئۇلارنى ھىمايە قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ، يېتەكلەيدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇرۇشتىن قايتقاندا جەڭچىلەر ئائىلىسىنى، يۇرتىنى سېغىنىپ، قايتىشقا ئالدىرايدۇ. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتىش ھالىتىدە ئەترەت كۆپرەك تارتۇققا ھەقلىق

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ