1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى مۇشرىكلاردىن بىر ئادەم بىلەن ئالماشتۇردى

عن عمران بن حصين «أنّ النبي صلى الله عليه وسلم فَدَى رَجُلَيْنِ مِن المسلمين برَجُلٍ مِن المشركين».

ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى مۇشرىكلاردىن بىر ئادەم بىلەن ئالماشتۇرغانلىقى رىۋايەت قىلغان

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارغا ئۇلارنىڭ بىر ئادىمىنى بېرىپ، ئورنىغا مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى ئالغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى: مۇسۇلمانلار دۈشمەندىن ئەسىرگە ئالغان بولسا، قوماندانغا ئەسىرلەردە خاھىشىغا ئەگەشمەي، ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغىنىنى ئىزدىنىپ، تۆت تۈرلۈك ئىشتىن بىرنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ: ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇلارنى قۇل قىلىش ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ھېچنىمە ئالماي قويىۋىتىش ياكى مەلۇم مىقداردا مالغا ياكى كاپىرلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

7 تىل
EN English الإنجليزية
FR Français الفرنسية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية