عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه قال: «سُئِلَ رَسُولُ الله صلى الله عليه وسلم عَنْ الرَّجُلِ: يُقَاتِلُ شَجَاعَةً، وَيُقَاتِلُ حَمِيَّةً، وَيُقَاتِلُ رِيَاءً، أَيُّ ذَلِكَ فِي سَبِيلِ الله؟ فَقَالَ رَسُولُ الله صلى الله عليه وسلم : مَنْ قَاتَلَ لِتَكُونَ كَلِمَةُ الله هِيَ الْعُلْيَا، فَهُوَ فِي سَبِيلِ الله».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ قايسى بىرسى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورىلىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشى كاپىر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا، ئەمما ئۇنى ئۇرۇشقا ئۈندىگەن سەۋەب؛ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ شۇجائىتىنى ۋە ياۋنىڭ ئالدىغا چىقالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆز قوۋمىنى ياكى ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆزىنى ماختاشقا ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىق بولغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارنىڭ قاتارىدىن بولغانلىقىنى باشقىلارغا نامايەندە قىلىش بولسا، يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك جەڭچىلەرنىڭ قايسى بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئەڭ قىسقا ۋە چوڭقۇر مانالىق بىر ئىبارە بىلەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، ئۇندىن باشقىسى ئاللاھ يولىدا ئەمەس. چۈنكى ئۇ باشقا بىر مەقسەتتە ئۇرۇش قىلدى. ئەمەل-ئىبادەتلەر نىيەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىغا باغلىق. بۇ قائىدە، پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلەرگە ئومۇمدۇر، دېمەك ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنىڭ نەتىجىسى نىيەتكە باغلىقتۇر. بۇھەقتە ئىنتايىن كۆپ دەلىللەر مەۋجۇت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ