عن عائشة رضي الله عنها قالت: «دخلت هند بنت عُتْبَةَ- امرأَة أَبِي سفيان- على رسول الله صلى الله عليه وسلم فقالت: يا رسول الله، إنَّ أَبَا سُفْيَان رَجُلٌ شَحِيحٌ، لا يُعْطِيني من النفقة ما يكفيني ويكفي بَنِيَّ، إلاَّ ما أَخَذْتُ مِنْ مَالِهِ بِغَيْرِ عِلْمِهِ، فَهَلْ عَلَيَّ فِي ذَلِكَ مِنْ جُنَاحٍ؟ فَقَالَ رسول الله: خُذِي مِنْ مَالِهِ بِالْمَعْرُوفِ مَا يَكْفِيكِ وَيَكْفِي بَنِيكِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئەبى سۇپياننىڭ ئايالى ھىند بىنتى ئۇتبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېرىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەبۇ سۇپيان قاتتىق بېخىل ئادەم، ئۇنىڭ مېلىدىن بىلدۈرمەي ئېلىۋالمىسام ئۇ، ماڭا ۋە بالىلىرىمغا يەتكۈدەك چىقىمىمىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەمدى، مۇشۇنداق قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭ مېلىدىن نورمال ھالدا ئۆزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا يەتكۈدەك ئېلىڭ! دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھىند بىنتى ئۇتبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ، ئۇنىڭ يولدىشى، ئۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا يېتەرلىك چىقىمىنى بەرمەيدىغانلىقى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال ئېرى ئەبى سۇپياننىڭ مال – مۈلكىدىن ئۇنىڭ خەۋىرىسىز ئالسا بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئىشنىڭ ئەگەر نورمال تەرىقىدە يېتەرلىك مىقداردا يەنى ھاجىتىدىن ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماستىن ئالسا بولىدىغانلىقىغا پەتىۋا بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش