عن أبي مسعود رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«إِذَا أَنْفَقَ الرَّجُلُ عَلَى أَهْلِهِ يَحْتَسِبُهَا فَهُوَ لَهُ صَدَقَةٌ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 55]
المزيــد ...

ئەبى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆز ئەھلىگە خەير-ئېھسان قىلىپ ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 55]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: ئەر كىشى ئائىلىسىگە ۋە ئۆزى نەپىقە قىلىش كېرەك بولغان كىشىلەرگە يەنى ئايالى، ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ نەپىقە قىلسا ئۇ كىشىگە سەدىقە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئائىلىسىگە نەپىقە قىلىش بىلەنمۇ ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  2. مۆمىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋاپلارنى تەلەپ قىلىدۇ.
  3. ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندا نىيەتنى توغرىلاش كېرەك، ھەتتا ئائىلىسىگە نەپىقە قىلغاندىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)
تېخىمۇ كۆپ