عن المعرور بن سويد، قال: رأيت أبا ذر رضي الله عنه وعليه حلة وعلى غلامه مثلها، فسألته عن ذلك، فذكر أنه قد سابَّ رجلا ًعلى عهد رسول الله صلى الله عليه وسلم فَعَيَّره بأمه، فقال النبي صلى الله عليه وسلم : «إنك امْرُؤٌ فيك جاهلية هم إِخْوَانُكُمْ وخَوَلُكُمْ جعلهم الله تحت أيديكم، فمن كان أخوه تحت يده، فليُطعمه مما يأكل، وليُلْبِسْهُ مما يلبس، ولا تُكَلِّفُوهُمْ مَا يَغْلِبُهُمْ، فَإِنْ كَلَّفْتُمُوهُمْ فَأَعِينُوهُمْ ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

مەئرۇر ئىبنى سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۈستىگە چىرايلىق تون كىيگەن ھالدا كۆردۈم، ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ ئۇچىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تون بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭدىن بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىسام ئۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا بىر ئادەمنى يەنى قۇلنى ئۇنىڭ ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ تىللىغانلىقىنى، شۇ چاغدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «سەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقى بار ئادەمكەنسەن، قۇللار بولسا ئاللاھ سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلغان خىزمەتكارىڭلار ھەم ئىنسانىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قانداق بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى قول ئاستىدا بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەن نەرسىدىن يېگۈزسۇن، ئۆزى كىيگەن نەرسىدىن كىيگۈزسۇن، سىلەر ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇماڭلار، ئەگەر بۇيرۇساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار »
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك مەسىلىلىرىدە ئوخشاش بولۇش، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىماسلىق، ئەگەر بۇيرۇپ قالسا ئۇلارغا ياردەملىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش،ئۇلارنى خارلىغان ۋە ھاقارەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن، چۈنكى ئۇلار بىزگە دىنى قېرىنداشلاردۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ