+ -

عن عائشة - رضي الله عنها- أنها قالت للنبي - صلى الله عليه وسلم - : هل أتى عليك يوم كان أشد من يوم أُحُدٍ ؟ قال: «لقد لقيت من قومك، وكان أشد ما لقيت منهم يوم العقبة، إذ عرضت نفسي على ابن عبد يَالِيلَ بْنِ عَبْدِ كُلَالٍ، فلم يجبني إلى ما أردت، فانطلقت وأنا مهموم على وجهي، فلم أستفق إلا وأنا بِقَرْنِ الثَّعَالِبِ، فرفعت رأسي، وإذا أنا بسحابة قد أظلتني، فنظرت فإذا فيها جبريل - عليه السلام - فناداني، فقال: إن الله تعالى قد سمع قول قومك لك، وما ردوا عليك، وقد بعث إليك ملك الجبال لتأمره بما شئت فيهم. فناداني ملك الجبال، فسلم علي، ثم قال: يا محمد إن الله قد سمع قول قومك لك، وأنا ملك الجبال، وقد بعثني ربي إليك لتأمرني بأمرك، فما شئت، إن شئت أطبقت عليهم الْأَخْشَبَيْنِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: سىلىگە ئوھۇد كۈنىدىنمۇ ئېغىرراق كۈن كەلگەنمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن قەۋمىڭىزدىن كۈلپەتلەرگە يولۇققان، مەن ئۇلاردىن يولۇققان ئەڭ ئېغىرى ئەقەبە كۈنىدىكى كۈلپەتتۇر، ئۇ كۈنى مەن ئەبدى يالىلنىڭ ئوغلىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدىم، ئۇ مېنىڭ دەۋىتىمگە ئاۋاز قوشمىدى، شۇنىڭ بىلەن غەمكىنلىك چىرايىمغا چىققان ھالدا مېڭىۋىرىپ «قەرنى سەئالىب» دېگەن جايدا ئىسىمگە كەپتىمەن، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ماڭا بىر بۇلۇت سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ، قارىسام ئۇنىڭدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بار ئىكەن، ئۇ مېنى چاقىرىپ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىنى ۋە رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ تاغ پەرىشتىسىنى قەۋمىڭ ھەققىدە خالىغان ئىشقا بۇيرۇشۇڭ ئۈچۈن ئەۋەتتى» دېدى، ئاندىن ئۇ پەرىشتە مېنى چاقىرىپ سالام قىلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، مەن بولسام تاغ پەرىشتىسى، رەببىم مېنى خالىغان ئىشىڭغا بۇيرۇشۇڭ ئۈچۈن خىزمىتىڭگە ئەۋەتتى، ئەگەر سەن خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىنى قورشاپ تۇرغان بۇ ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرىۋىتەي، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: سىلىگە ئوھۇد كۈنىدىنمۇ ئېغىرراق كۈن كەلگەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دەپ، ئۇنىڭغا تائىپقا بارغانلىق ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەردى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە قۇرەيشنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا ئۇلار چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپ ئەھلىنى دىنغا دەۋەت قىلىپ ئاللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تائىپقا چىقتى، لېكىن ئۇلار مەككە ئەھلىدىنمۇ بەكرەك نادان ئىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاش-چالمىلارنى ئېتىپ تاپىنىنى قانغا بويىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقىف قەبىلىسىدىكى تائىپنىڭ چوڭلىرىدىن بولغان ئىبنى ئەبدۇ يالىيل ئىبنى ئابدۇ كىلالنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپتىن غەمكىن ھالەتتە خامۇش بولۇپ مېڭىۋىرىپ «قەرنى سەئالىب» دېگەن جايدا ئېسىگە كەلدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا بىر بۇلۇتتا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بار ئىدى، ئۇ: «بۇ تاغ پەرىشتىسى ساڭا سالام قىلىدۇ» دېدى، ئۇ پەرىشتە سالام قىلىپ: «ئاللاھ مىنى ساڭا ئەۋەتتى، ئەگەر سەن خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرۋىتەي» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇلايىم، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئېغىر بىسىق بولغانلىقى ئۈچۈن: «ياق، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلىدىغانلارنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، چۈنكى ئىككى تاغ كۆمتۈرۈلسە ئۇلار ھالاك بولاتتى. بۇ ئىش يۈز بەردى، ئاللاھ تائالا ئاشۇ زور ئەزىيەتلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا ئازار يەتكۈزگەن مۇشرىكلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى چىقاردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش