عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قال: «كانت أموال بَنِي النَّضِيرِ: مِمَّا أَفَاءَ الله على رسوله صلى الله عليه وسلم مِمَّا لم يُوجِفْ الْمسلمون عليه بِخَيْلٍ وَلا رِكَابٍ وكانت لرسول الله خالصاً، فكان رسول الله صلى الله عليه وسلم يَعْزِلُ نفقة أَهْلِهِ سَنَةً، ثُمَّ يجعل مَا بقي في الْكُرَاعِ، وَالسلاحِ عُدَّةً فِي سبيل الله عز وجل ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: بەنى نەزىرنىڭ مال-مۈلكى مۇسۇلمانلار ئات-تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە خاس غەنىيمەت ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق خىراجىتىنى ئايرىپ قېلىپ، قالغىنىنى ئاللاھ يولىدا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئات-ئۇلاغ ۋە قورال-ياراغ تەييارلاشقا سەرپ قىلاتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، مەدىنە ئەتراپىدا يەھۇدىيلارنىڭ قەبىلىلىرى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۆز دىنىدا قېلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭغا قارشى دۈشمەنگە ياردەم بەرمەسلىك شەرتى بىلەن ۋەدە ۋە توختام تۈزۈشتى، ساھابىلاردىن ئەمرۇ ئىبنى ئۇمەييە ئىسىملىك بىر كىشى بەنى ئامىر قەبىلىسىدىن ئىككى كىشىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرۈپ سالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كىشىنىڭ تۆلىمىنى ئۈستىگە ئالدى، ئىككى دىيەتكە ياردەم سوراپ بەنى نەزىرنىڭ يىزىسىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ياردەم كۈتۈپ، ئۇلارنىڭ بازارلىرىنىڭ بىرىدە ئولتۇرغاندا ئۇلار كېلىشىمنى بۇزۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ ئاسماندىن ئايەت نازىل بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ئۇلارنىڭ يېزىسىدىن ئۇلارغا ۋە ئەتراپىدىكى ساھابىلەرگە ھاجەت قىلغىلى بارىدىغان تۇيغۇ بېرىپ چىقىپ، مەدىنىگە قايتىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپ قالغانلىقتىن، ساھابىلار ئۇنى ئىزدەپ چىقىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا يەھۇدىيلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يېزىسىدا ئالتە كۈن قورشاۋغا ئالدى، ئاخىرىدا ئۇلار مەدىنە زېمىنىدىن شام، ھىيرە ۋە خەيبەر زېمىنلىرىغا چىقىپ كېتىشكە ئىتتىپاق تۈزۈشتى، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى مۇسۇلمانلار ئات-تۆگىلەرنى چاپتۇرماي، مۇشەققەتسىز قولغا كەلگەن غەنىمەت بولغان ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ماللىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا خاس بولغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق خىراجىتىنى ئايرىپ قېلىپ، قالغىنىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى، ئاشۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم ئېھتىياجى ئاللاھ يولىدا جىھاد تەييارلىقى ئۈچۈن ئات-ئۇلاغ ۋە قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئىدى، ھەر بىر دەۋرگە قارىتا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ خىراجەتلىرى بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ