جُنْدُبُ بن عبد اللهِ البجلي رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم -: «كان فيمن كان قبلكم رجل به جُرْحٌ فَجَزِعَ؛ فأخذ سكِّينا فحَزَّ بها يده، فما رَقَأَ الدم حتى مات، قال الله عز وجل : عبدي بَادَرَنِي بنفسه، حرمت عليه الجنة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىلگىرىكى ئۇممەتتە بىر كىشى بولغان، ئۇ يارىلىنىپ قاتتىق بىئارام بولدى ۋە پىچاق ئېلىپ قولىنى كېسىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن قان توختىماي ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: بەندەم ئۆزى مەن تەرەپكە ئالدىراپ كەلدى، ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈممەتتە ئۆتكەن بىر ئادەم توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. ئۇ قاتتىق جاراھەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چىدىماستىن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە شىپاسىدىن ئۈمىدسىزلەندى. ئىمان ۋە چىن ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈپ سەبرى قىلالماي، ئۇنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تۇرالمىدى ۋە پىچاق ئېلىپ قولىنى كېسىۋەتتى. قان توختىماي ئېقىپ ئاخىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا دېگەن گەپنىڭ مەزمۇنى: بۇ بەندەم مېنىڭ رەھمىتىم ۋە شىپالىق بېرىشىمگە سەل قارىدى. مېنىڭ سىناقلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن، ھارام قىلىنغان بۇ جىنايىتى بىلەن مەن تەرەپكە ئالدىراپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەجىلىنى قىسقارتقانلىقىنى ئويلاپ قالدى. شۇڭا ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم. جەننەت ھارام قىلىنغان ئادەمنىڭ بارىدىغان جايى دەۋزەخ بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش