عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما قال رجل للنبي صلى الله عليه وسلم يومَ أُحُدٍ: أَرَأَيْتَ إن قُتِلْتُ فَأَيْنَ أَنَا؟ قال: «في الجَنَّةِ» فأَلْقَى تَمراتٍ كُنَّ في يَدِه، ثم قاتل حتى قُتِلَ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە «جەڭ مەيدانىغا كىرىپ» قاتتىق ئېلىشىپ ئاخىرى شېھىت بولدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بىرىپ، ئۇمەيىر ئىبنى ھۇمام ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇھۇد كۈنى مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مەن جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق بولىمەن؟ دېدى. يەنى مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىپ بۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسەم مېنىڭ ئاقىۋىتىم قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: سەن جەننەتتە بولىسەن، دېگەن ئىدى. ئۇ كىشى قولىدىكى يەۋاتقان خورمىنى تاشلىۋېتىپ: بۇ خورمىلارنى يەپ بولغۇچە ئۇزۇن ياشىغۇدەكمەن. دېگىنىچە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى ۋە شۇ جەڭدە شېھىت بولدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ