عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«مَنْ قَتَلَ مُعَاهَدًا لَمْ يَرَحْ رَائِحَةَ الْجَنَّةِ، وَإِنَّ رِيحَهَا تُوجَدُ مِنْ مَسِيرَةِ أَرْبَعِينَ عَامًا».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەمىنلىك بېرىلىپ ئىسلام دىيارىغا كىرگەن غەيرى دىندىكى ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق ئارىلىقتىن پۇرىغىلى بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.