عن أبي أمامة رضي الله عنه : أن رجلا، قال: يا رسول الله، ائذن لي في السياحة. فقال النبي صلى الله عليه وسلم : «إن سياحة أمتي الجهاد في سبيل الله عز وجل ».
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!ماڭا ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئىبادەتنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ توختىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدىغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ ئىبادەتنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئەمەس بەلكى ساغلام شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن كەيپىياتقا مۇۋاپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن زېمىندا ساياھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ بەردى، زېمىندا ئىبادەت قىلىمەن دەپ سەيلى-ساياھەت قىلىش بولسا خرىستىئانلارنىڭ ئىشى بولۇپ، زېمىندا ساياھەت قىلىش دېگەن زېمىندا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بولىدۇ، ئىسلام ئەھلىنىڭ ساياھىتى بولسا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ