عن أبي سعيد الْخُدْرِي رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «مَنْ رَضِيَ بالله رَبًّا، وبالإسلام دِيْنًا، وبمحمد رسولًا، وجَبَتْ له الجنة»، فَعَجِبَ لها أبو سعيد، فقال: أَعِدْهَا عَلَيَّ يا رسول الله، فَأَعَادَهَا عليه، ثم قال: «وأُخْرَى يَرْفَعُ الله بها العَبْد مائة دَرَجَة في الجنة، ما بين كل دَرَجَتَينِ كما بين السماء والأرض» قال: وما هي يا رسول الله؟ قال: «الجهاد في سَبِيل الله، الجهاد في سَبِيل الله».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ». ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئىش بار ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد، ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد» دەپ جاۋاپ بەردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا ئۇ كىشىگە جەننەتكە كىرىش ۋاجىپ بولىدۇ.» ئىمام ئەھمەدتىن قىلىنغان رىۋايەتتە: «ئى ئابا سەئىد! ئۈچ تۈرلۈك سۆز بار كىمكى ئۇ سۆزنى دېسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئۈچ تۈرلۈك سۆز قايسى؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا» دېدى. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەتتىن يەنە بىر ئىش بار، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ»دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ يەردە يەنە بىر ئەمەلنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ شۇ ئىشنى سورىشى ئۈچۈن دەسلەپتە بۇنىڭدىن خەۋەر بەرمىدى، ئەبۇ سەئىد بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش»دەپ جاۋاپ بەردى. مۇجاھىد جەننەت ئەھلىدىن بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمىغان، لېكىن ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارغا قىلغان پەزلى، ئىززەت-ئىكرامى، ئۇلار ئۆز نەپسىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالامۇ ئۇلارغا ئىكرام قىلدى، ئۇلارنى جەننەتتە ئالى مەرتىۋە ۋە يۇقىرى ئورۇنلارغا مۇيەسسەر قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ