عن عمرو بن عَبَسَة رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «من رمى بسهم في سبيل الله فهو له عِدْلُ مُحَرَّرَةٍ».
[صحيح] - [رواه أبو داود وأحمد والترمذي والنسائي في الكبرى]
المزيــد ...

ئەمرۇ ئىبنى ئەبەسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتسا ئۇنىڭغا بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاتقان ئوقى دۈشمەنگە تەگسۇن ياكى تەگمىسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. نەسائىينىڭ رىۋايىتىدىمۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتىدىكەن دۈشمەنگە تەگسۇن ياكى تەگمىسۇن ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ دېيىلگەن. ئەمما ئاتقان ئوقى دۈشمەنگە تەگسە ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بەدىلىگە جەننەتتە يۇقىرى مەرتىۋە بېرىلىدۇ. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھ يولىدا ئوق ئېتىپ دۈشمەنگە تەگكۈزسە ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر دەرىجە بولىدۇ دېيىلگەن. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە:جەننەتتە دېيىلگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ