+ -

عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما «أَنَّ رَسُولَ الله صلى الله عليه وسلم قَسَمَ فِي النَّفَلِ: لِلْفَرَسِ سَهْمَيْنِ، وَلِلرَّجُلِ سَهْمًا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەتنى ئاتقا ئىككى ئۆلۈش، ئەر كىشىگە بىر ئۆلۈش بۆلۈپ بەردى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەتنى ئاتلىقلارغا ئىككى ئۆلۈش، پىيادىكىلەرگە بىر ئۆلۈش، بۆلۈپ بەردى. ئۇنداق تەقسىم قىلىشتا؛ ئۇرۇشتا ئاتلىقنىڭ كارغا كىلىشى ۋە قوشۇننىڭ كۈچىنى بېيىتىشى پىيادىلەردىن كۆپرەك بولىدۇ. بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە ئىشارەت قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى. (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا – چاڭ چىقارغۇچى. شۇ توپا – چاڭ بىلەن دۈشمەن ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى.» [سۈرە ئادىيات 3-5 ئايەتلەر]. بۇ ئايەتلەردە ئاتنىڭ ئۇرۇشتىكى كۈچنى بېيىتىشىغا ئىشارەت باردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاتنىڭ پىشانىسىدا قىيامەت كۈنىگىچە ياخشىلىق باردۇر، دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ