عن أنس رضي الله عنه : أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «مَا أحَدٌ يَدْخُل الجنَّة يُحِبُّ أن يَرجع إلى الدنيا وله ما على الأرض من شيء إلا الشَّهيد، يَتَمَنَّى أن يَرجع إلى الدنيا، فيُقْتَل عَشْر مَرَّاتٍ؛ لما يَرَى من الكَرَامة». وفي رواية: «لما يَرى من فَضْل الشَّهادة».
[صحيح] - [متفق عليه بروايتيه]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە كىرىدىغان شېھىتتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: شېھىت بولغۇچى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى كۆرگەندىن كىيىن قايتىدىن شېھىت قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، دېيىلگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

جەننەتكە كېرىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتكۈل زېمىن ئىچىدىكى ئېسىل نەرسىلەر، خەزىنىلەر، ئالى قەسىر-ئوردىلار، گۈزەل باغلار ئىنئام قىلىنسىمۇ، جەننەتتىن ئايرىلىپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھېچ كىشى چىقمايدۇ، شەھىد بۇنىڭ سېرتىدا بولۇپ، ئۇ شەھىدلەر ئېرىشىدىغان ھۆرمەتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ، شەھىدلىك ئىزدەپ، بىر قېتىمنىڭ ئورنىغا ئون قىتىم شەھىدلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنياغا ئون قېتىملاپ قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ