+ -

عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«لَيْسَ الْوَاصِلُ بِالْمُكَافِئِ، وَلَكِنِ الْوَاصِلُ الَّذِي إِذَا قُطِعَتْ رَحِمُهُ وَصَلَهَا».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 5991]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ياخشىلىق قىلىنسا مۇكاپات يۈزىسىدىن سىلە رەھىم قىلغۇچىلار ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ، ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى دېگەن: باشقا تۇغقانلىرى سىلە رەھىم قىلمىسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ تۇغقانچىلىقنى يەتكۈگۈچىدۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمەبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلىش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلغان كىشى مۇكەممەل ئىنسان ھېسابلانمايدۇ. ھەقىقى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىغۇچى دېگەن: باشقا تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلمىسىمۇ، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزسىمۇ، ئۇ كىشىگە يامانلىق قىلىپ، ناچار مۇئامىلىدە بولسىمۇ ئۇنىڭ قارشىسىدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان كىشىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سىلە رەھىم دېگەن: سىزدىن ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن كىشىلەرگە سىلە رەھىم قىلىش، زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، سىزنى مەھرۇم قويغان كىشىلەرگە بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. پەقەتلا ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە رەھىم قىلغانغا سىلە رەھىم قىلىش دېگەن شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىدىغان سىلە رەھىم بولمايدۇ.
  2. سىلە رەھىم قىلىش دېگەن مال-دۇنيا ئەۋەتىپ بېرىش، دۇئا قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، ئۇلارغا يېتىدىغان يامانلىق، ئەزىيەتلەرنى يوق قىلىش قاتارلىق مۇمكىن بولغان ئىشلار بىلەن بولىدۇ.