عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما : «أن النبي صلى الله عليه وسلم صلَّى على قبر بعدَ ما دُفِنَ، فَكَبَّرَ عليه أَرْبَعاً».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە بىشىغا كېلىپ تۆت تەكبىر بىلەن جىنازە نامىزىنى ئوقۇغان

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن يارىتىلغان ئىدى، يەنە كىلىپ ناھايىتى مىھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىدى، ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنى كۆرمىسە ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇراتتى. بۇ قەبرە ئىگىسى ھەققىدە سورىغاندا ساھابىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئاڭلاتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ مىيىت نامىزىنى ئۆزى ئوقۇشى ئۈچۈن ساھابىلەر خەۋەر قىلغان بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى مېيىتكە خاتىرجەملىك، قەبرىسىدە نۇر ئىدى، كىيىن ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئادەتتىكىدەك مېيىت نامىزىنى ئوقۇدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قەبرىدە ناماز ئوقۇغىنى قەبرە ئۈستىگە چىققانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ، بەلكى قەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ مىيىت نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

15 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية