عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال: «نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم عن الْوِصَالِ، قالوا: إنك تواصل؟ قال: إني لَسْتُ كَهَيْئَتِكُمْ، إني أُطْعَمُ وَأُسْقَى». وفي رواية أبي سعيد الخدري رضي الله عنه : «فَأَيُّكُمْ أراد أن يواصل فليواصل إلى السَّحَرِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى، ساھابىلار: سىلى ئۇلاپ تۇتىدىلىغۇ؟ دېگەندە، مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرىمەن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە كۆڭۈل بۈلۈپ ۋە رەھىمدىللىك قىلىپ ئۇلارنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى، لېكىن ساھابىلار ئىبادەتكە، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا ھىرىسمەن بولغاچقا، ئۇلاپ روزا تۇتۇشتا رەسۇلۇللاھقا ئەگەشمەكچى بولدى، ۋە: سىلى ئۇلاپ تۇتىدىلىغۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا دېدىكى: مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، دۇنيا تاماقلىرىنى يېمىسەممۇ مىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئاللاھ تەمىنلەپ تۇرىدۇ. كىمىكى ئۇلاپ روزا تۇتماقچى بولسا سوھۇرلۇققىچە يىمەي، سوھۇردا بىر نەرسە يەپ تۇتسۇن، دېدى. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ يولى كەڭ ۋە ئاسان، جاپا ۋە مۇشەققەت يوق، چېكىدىن ئاشۇرۋىتىش ۋە چۇڭقۇرلاش يوق، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئىنسان ئۆز نەپسىنى قاتتىق چارچىتىپ ئازاپلىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلمايدۇ. ئاسان ۋە قۇلايلىق بولۇش بىر ئىشنىڭ داۋاملىشىپ مېڭىشىغا پايدىلىق ۋە مالاللىق ۋە زىرىكىشلىكتىن خالى قىلىدۇ. ھەم ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ئادالەت با، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا پەرىز قىلغان ئىبادەتنىمۇ جايىدا ئادا قىلىپ، ئىنسان نەپسىنىڭ زورۇر ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش