عن أم سلمة هند بنت أبي أمية حذيفة رضي الله عنها عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال: «إِنَّه يُسْتَعمل عَلَيكُم أُمَرَاء فَتَعْرِفُون وَتُنكِرُون، فَمَن كَرِه فَقَد بَرِئ، ومَن أَنْكَرَ فَقَد سَلِمَ، ولَكِن مَنْ رَضِيَ وَتَابَعَ» قالوا: يا رسول الله، أَلاَ نُقَاتِلُهُم؟ قال: «لا، ما أَقَامُوا فِيكُم الصَّلاَة».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئۇممۇ سەلەمە ھىند بىنتى ئۇمەييە«ھۇزەيفە» رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مەندىن كېيىن سىلەرگە بىر تۈركۈم پادىشاھلار ھۆكۈمران بولىدۇ، سىلەر قوبۇل قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلار بولىدۇ، كىمىكى ئۇ ئىشلارنى ئۆچ كۆرسە گۇناھى ساقىت بولىدۇ، كىمىكى ئۇنى ئىنكار قىلسا، قارشىلىق بىلدۈرسە سالامەت قالىدۇ. ئەمما رازى بولۇپ ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشى، ئۇلار بىلەن تەڭ ھالاك بولىدۇ، دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارشى چىقساقچۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ياق، نامازلا ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمانلارغا بىر تۈركۈم پادىشاھلار ھۆكۈمران بولىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ۋە بەزى ئىشلىرىنىڭ شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، كىمىكى ئۇلاردىن سادىر بولغان مۇنكەر ئىشلارنى قەلبى بىلەن يامان كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇ ئىشلارغا ئىنكار قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىنكار قىلمىغانلىقنىڭ گۇناھى ساقىت بولىدۇ. كىمىكى ئۇنىڭغا قولى ياكى تىلى بىلەن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولۇپ، قارشىلىق بىلدۈرسە سالامەت بولىدۇ. ئەمما كىمكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قەلبى بىلەن رازى بولۇپ، ئەمەلدە ئۇلارغا ئەگەشسە ياكى ئىتائەت قىلسا، ئۇلار ھالاك بولغانغا ئوخشاشكا ھالاك بولىدۇ، دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارشى چىقساقچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، مادامىكى ناماز ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ