عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال: «من خرج من الطاعة، وفارق الجماعة فمات، مات مِيتَةً جاهلية، ومن قاتل تحت راية عِمِّيَّة يغضب لِعَصَبَة، أو يدعو إلى عَصَبَة، أو ينصر عَصَبَة، فقتل، فَقِتْلَة جاهلية، ومن خرج على أمتي، يضرب برها وفاجرها، ولا يَتَحَاشَى من مؤمنها، ولا يفي لذي عهد عهده، فليس مني ولست منه»،
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ئىتائەتتىن چىقسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇق بايرىقى ئاستىدا گۇرۇھۋازلىق ئۈچۈن ياكى گۇرۇھۋازلىققا چاقىرىپ ياكى يۇرتۋازلىققا ياردەم بېرىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمگە قارشى چىقىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى-يامان ھەممىسىنى ئۆلتۈرسە، مۆمىنلەردىن قول يىغمىسا، ئۆزىنىڭ بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىسا، ئۇ كىشى مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس، مەنمۇ ئۇ كىشىدىن ئەمەس» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى.
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى كۆپچىلىك ئىتائەت قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن، ئىشلىرىنى تەرتىپلىگەن، پىكىر-قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرگەن، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر ئىمامغا بەيئەت قىلغان جامائەتتىن ئايرىلىدىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىدىكەن، ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ئادەم خۇددى ئىشلىرى چېچىلاڭغۇ، ھېچ قانداق يول باشچىسى بولمىغان، قارىغۇلارچە ئازغۇنلۇق بايرىقى ئاستىدا ئۇرۇش قىلىپ، مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان، ياكى يۇرتۋازلىققا چاقىرغان ياكى يۇرتۋازلىققا ياردەم بېرىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە ئوخشاش جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، يەنى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشى ئۈچۈن ئۇرۇشقان، غەزەپلەنگەن، مىللەتچىلىك ۋە يۇرتۋازلىق، خاھىشى بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئۈممەتكە قارشى چىقىپ، ياخشى-يامان، مۆمىن ۋە شۇ زېمىندا تۇرىدىغان كېلىشىم تۈزگەن كىشى ۋە سېلىق تۆلەش بەدىلىگە مۇسۇلمانلار زېمىنىدا تۇرىدىغان باشقا دىندىكى كىشىنى ئۆلتۈرسە ۋە ئۇنىڭدا قىلغان قىلمىشىغا قايغۇرمىسا، ئۇنىڭ جازاسى ۋە ئاقىۋىتىدىن قورقمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ