عَنْ زَيْدِ بْنِ خَالِدٍ الجُهَنِيِّ رضي الله عنه أَنَّهُ قَالَ:
صَلَّى لَنَا رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ صَلَاةَ الصُّبْحِ بِالْحُدَيْبِيَةِ عَلَى إِثْرِ سَمَاءٍ كَانَتْ مِنَ اللَّيْلَةِ، فَلَمَّا انْصَرَفَ أَقْبَلَ عَلَى النَّاسِ، فَقَالَ: «هَلْ تَدْرُونَ مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ؟» قَالُوا: اللهُ وَرَسُولُهُ أَعْلَمُ، قَالَ: «أَصْبَحَ مِنْ عِبَادِي مُؤْمِنٌ بِي وَكَافِرٌ، فَأَمَّا مَنْ قَالَ: مُطِرْنَا بِفَضْلِ اللهِ وَرَحْمَتِهِ، فَذَلِكَ مُؤْمِنٌ بِي وَكَافِرٌ بِالْكَوْكَبِ، وَأَمَّا مَنْ قَالَ: بِنَوْءِ كَذَا وَكَذَا، فَذَلِكَ كَافِرٌ بِي وَمُؤْمِنٌ بِالْكَوْكَبِ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

زەيد بىن خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۈدەيبىيەدە يامغۇر ياققان كېچىسى ئەتتىگەندە بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بېرىپ، نامازدىن كېيىن كىشىلەرگە يۈزلىنىپ مۇنداق دېدى:«رەببىڭلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»دېدى، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندىلىرىمنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئىشىنىپ ۋە ماڭا كاپىر بولۇپ تاڭ ئاتقۇزدى، ئەمما ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق دېگەنلەر ماڭا ئىشەندى ۋە يۇلتۇزلارغا كاپىر بولدى، ئەمما پالانى يۇلتۇز پالانى جايغا كەلگەندە يامغۇر ياغىدۇ دېگەنلەر ماڭا كاپىر بولدى ۋە يۇلتۇزغا ئىشەندى»دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە يېقىن بولغان جايدىكى ھۈدەيبىيە دېگەن جايدا كېچىدە يامغۇر ياققاندىن كېيىن ئەتتىگەندە بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. نامازنى ئادا قىلىپ سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەرگە يۈزلىنىپ ئۇلاردىن سورىدى: «رەببىڭلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»دەپ سورىدى. ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يامغۇر ياغقاندا ئىنسانلارنىڭ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ؛ بىر قىسمى مۇئ‍مىن، يەنە بىر قىسمى كاپىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما: ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق دەپ يامغۇرنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بەرگەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئىشلىرىغا شېرىك قىلمىغانلاردۇر. ئەمما: پالانى يۇلتۇز پالانى جايغا كەلگەندە يامغۇرغا ئېرىشىمىز دېگەنلەر ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچى ۋە يۇلتۇزلارغا ئىشەنگۈچىدۇر، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى يۇلتۇزلارغا نىسبەت بېرىش بولسا كېچىك شېرىكتۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا شەرىئەتتىمۇ ۋە تەقدىردىمۇ يۇلتۇزنى يامغۇرنىڭ يېغىشىغا سەۋەپ قىلمىدى. ئەمما يامغۇرنىڭ يېغىشىنى ۋە زېمىندا يۈز بەرگەن باشقا ھادىسىلەرنى يۇلتۇزلارنىڭ ئۇپۇقتا ھەرىكەتلىنىشى ۋە چۈشۈپ كېتىشىگە نىسبەت بېرىپ، يۇلتۇزنى بۇنىڭ ھەقىقى قىلغۇچىسى دەپ ئېتىقاد قىلسا ، ئۇ كىشى ئىسلامدىن چېقىپ كېتىدىغان ھەقىقى كاپىر بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. يامغۇر ياققاندىن كېيىن: ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق دېيىش ياخشى كۆرۈلىدۇ.
  2. كىمكى يامغۇرنىڭ يېغىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نېمەتلەرنى پەيدا قىلىش ۋە يارىتىشنى يۇلتۇزلارغا نىسبەت بېرىدىكەن، ئۇ ئادەم ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغان ھەقىقى كاپىر بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا يۇلتۇز سەۋەپچى بولدى دەپ سەۋەبنى يۇلتۇزغا نىسبەت بەرسە، بۇ ساھىبىنى ئىسلامدىن چېقىشىغا سەۋەپ بولمايدۇ. چۈنكى يۇلتۇز شەرىئەتتىمۇ ۋە ئەقىلدىمۇ يامغۇرنىڭ يېغىشىغا سەۋەپ بولمايدۇ.
  3. ھەقىقەتەن نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلسا كۇپۇرغا سەۋەپ بولىدۇ، شۈكۈر ئېيتسا ئىمانغا سەۋەپ بولىدۇ.
  4. شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان سەۋەپلەرنى چەكلەش ئۈچۈن گەرچە ۋاقىت مەقسەت قىلىنسىمۇ "پالانى تۈردىكى يۇلتۇز بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق" دېيىش چەكلىنىدۇ.
  5. نېمەتنى جەلىپ قىلىش ۋە ئازابنى يوق قىلىشتا دىلنىڭ ئاللاھغا تەئەللۇق بولىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ