عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قال:
جَاءَ نَاسٌ مِنْ أَصْحَابِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَسَأَلُوهُ: إِنَّا نَجِدُ فِي أَنْفُسِنَا مَا يَتَعَاظَمُ أَحَدُنَا أَنْ يَتَكَلَّمَ بِهِ، قَالَ: «وَقَدْ وَجَدْتُمُوهُ؟» قَالُوا: نَعَمْ، قَالَ: «ذَاكَ صَرِيحُ الْإِيمَانِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
ساھابىلاردىن بىر تۈرلۈك كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىز كۆڭلىمىزدە بىر ئىشلارنى تاپىمىزكى، ئۇنى سۆزلەش بىزگە بەك قىيىن كىلىدۇ، دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئىشلارنى تاپتىڭلارمۇ؟»دېدى، ئۇلار: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ روشەن ئىماندۇر»دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر: كۆڭۈللىرىدە پەيدا بولىدىغان ئەمما ئۇنىڭ ناچارلىقى ۋە نەپرەتلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئېغىزدىن چېقىرىش قىيىن بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «كۆڭلۈڭلاردا تاپقان ئ‍ۇ ئىش ئوچۇق ئىمان ۋە ئىشەنچىدۇر، ئۇ سىلەرنى شەيتاننىڭ دىلىڭلارغا سالغان، سۆزلەشنى ياقتۇرمىغان ۋە كۆڭلۇڭلاردا كاتتا تۇيۇلغان ئىشلاردىن مۇداپىئە قىلىدۇ. ھەقىقەتەن شەيتان سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا ئورۇنلىشالمىدى، بۇنىڭ ئەكسىچە شەيتان دىلىغا ئورۇنلاشقان كىشىنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىدىغان نەرسە بولمايدۇ»دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. شەيتاننىڭ ئىمان ئەھلىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىز كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنى ۋەسۋەسە قىلىشتىن باشقا ئىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  2. كۆڭلىدە يۈز بەرگەن ۋەسۋەسىلەرنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئىشەنمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ شەيتاندىندۇر.
  3. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى مۇئ‍مىنگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ لېكىن ۋەسۋەسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق تېلەش كېرەك.
  4. مۇسۇلماننىڭ دىنى ئىشلاردا چۈشىنەلمىگەن ئىشلارغا سۈكۈت قىلىشى توغرا بولمايدۇ بەلكى ئۇنىڭ سوراپ چۈشىنىشى كېرەك بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ