عَنْ عَائِشَةَ رضي الله عنها قَالَتْ:
قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ، ابْنُ جُدْعَانَ كَانَ فِي الْجَاهِلِيَّةِ يَصِلُ الرَّحِمَ، وَيُطْعِمُ الْمِسْكِينَ، فَهَلْ ذَاكَ نَافِعُهُ؟ قَالَ: «لَا يَنْفَعُهُ، إِنَّهُ لَمْ يَقُلْ يَوْمًا: رَبِّ اغْفِرْ لِي خَطِيئَتِي يَوْمَ الدِّينِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىبنى جەدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلايتتى، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرەتتى بۇ ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ باقمىدى» دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرەيشلەرنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ بىن جەدئاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى. ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرىش ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش ھېسابلىنىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ئىسلام رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئاللاھقا ئىشەنمەي كاپىر بولۇپ، بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن»دېمىسە، بۇ ياخشىلىقلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىماننىڭ پەزىلىتى ۋە ئىماننىڭ ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  2. كۇپۇرنىڭ شۈملىقى ۋە ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  3. كاپىرلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
  4. ئىنساننىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلىرى ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولغاندىمۇ ئەمەل سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ